بەخىتلىكمۇ سەن دەپ سورىما
قانچە كۈنلەر ، قانچىلاپ يىللار، ئۆتۈپ كەتتى ھالىم بەك خاراپ بەخت نىمە ؟ بىلەلمىدىم ھېچ بۇ قەلبىمنى باقسام ۋاراقلاپ
بەختلىكمۇ سەن دەپ سورىما يۈرىكىمدە يىغلار مىڭ پىغان تۆلىسەممۇ بىر ئۆمۈر بەدەل ئائىلىنى قىلغۇم يوق گۇمران ئىتائىتىم بولدى خاتالىق ، يۈرىكىممۇ بوپ قالدى نىمجان بىر جۈپ سەبىي بالا تەسەللى بېرەر ماڭا ئۈمۈد ، ھاياجان
بەختلىكمۇ سەن دەپ سورىما پەرزەنت بىلەن كۆڭۈل شادىمان . بەخت دېگەن مۇشۇنداق بەلكىم بەخت بىلەن ئازاپ بىر كارۋان
بەختلىكمۇ سەن دەپ سورىما بىر جۈپ بەخت يېنىمدا ھامان بەخت دېگەن مۇشۇنداق بەلكىم كۈلكە بىلەن يىغا چىرماشقان .
ئاپتورى : تۇردىگۈل ئېلى
|