ھايات
ھايات بىر چۈش كۆرسەتمە
ئۆلۈم كۆرۈم ئەسلىدىنلا سىر
بۈگۈن كۈلگەن كۈلەلمەس ئەتە
تۇرمۇش ئاڭا بېرىلگەن تەبىر
كۆرمىگەننى كۆرىسەن تالاي
بۈگۈن بايسەن ، ئەتە بىر گاداي
بۇ يىل چۈشسە باراڭدىن قاپاق
كېلەر كۈزدە ئېھتىمال نوگاي
تەقدىر دىگەن ئاجايىپ قىززىق
پەلەك چاقى ئايلىنىپ تۇرار
بۈگۈن كۈلگەن كۈلەلمەس ئەتە
چاينىغانلار چاينىلىپ تۇرار
ئاپتۇرى : ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار