ياسىنجان ئوسمان
نىمە يېسەم شۇنى بېرىپ جان ئانام
سەھەر تۇرۇپ قورسۇقۇمنى تويغۇزار
يانچۇقۇمغا پۇلنى توللاپ جان ئاتام
«ياخشى ئوقۇڭ!»دەپ مەكتەپكە ئۇزىتار
ئاتا ئانام بىخەۋەردۇر ئەزەلدىن
ھەر كۈنلۈكى ئۇيۇن بىلەن كۆڭلۈم خۇش
نېرۋىلىرىم قۇبۇللىماس ھېچ بىلىم
قالمىغاچقا ۋۇجۇدۇمدا ئەقلى - ھوش
«ئوقۇش ھەققى ،كىتاپ ھەققى ئۆستى ...» دەپ
ئېلىۋەرسەم بېرىۋېرەر ئاتام پۇل
رەت قىلىنماس ئۆيدە ھېچ بىر تەكلىپىم
بولغاچ مەن شاھ ئاتا - ئانام چاكار قۇل
يانچۇقۇم توم - يۈرىكىم توم ، شۇڭىمۇ
چېكەلەيمەن ئالىيسىنى سىگارتنىڭ
تۇرغۇم كەلمەس دەرس ئاڭلاپ سىنىپتا
چېمپىيونى بولغاچقا مەن بىليارتنىڭ
تېلىفونۇم شۇنچە يېقىن سىردىشىم
سايراپ تۇرار ھەر مىنۇتتا بۇلبۇلدەك
ئۇ چاقىرغان مەنزىل يىراق بولسىمۇ
بارالايمەن قاناتلىنىپ دۇلدۇلدەك
تورخانىلار مېنىڭ ئېسىل قونالغۇم
مەپتۇن قىلار دىل زوقۇمنى ئۆزىگە
كېچە - كۈندۈز تەلمۈرسەممۇ قانمايمەن
ئېكراندىكى پەرىزاتنىڭ كۆزىگە
خوشياققاندا قاتناشساممۇ دەرسكە
تاپشۇرۇق ھەم سىناقلاردىن بىزارمەن
ناتىقلىقىم ئۈچۈن سەھنە - سىنىپىم
ۋايىزلىقتا ئۈنچە - مارجان تىزارمەن
كىرىپ قويماس قۇلىقىمغا ھەرگىزمۇ
ئاتا - ئانام قىلغان تەنبىھ - نەسىھەت
نەدە ماجرا بولسا يار مەن شۇ جايدا
قالمىغاچقا مەندە ئەخلاق - پەزىلەت
ئۇستازلىرىم تۇيۇق يولدىن توسالماي
يامان قىلمىش - ئەتمىشىمدىن زارلىدى
سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي مۇشت ئاتسام
«توۋا!» ئۇلار زەررىچە ھار ئالمىدى
«ياغاچ قۇلاق» دېگەن لەقەم قويۇلسا ،
ئۆزۈم ئۈچۈن چوڭ شەرەپ دەپ بىلگەنتىم
«پەخرىمىز سەن!» دېگەن چاغدا دوستلىرىم
قېن قېنىمغا سىغماي راسا كۈلگەنتىم
شاھدەك سۈردۈم ياشلىقىمنىڭ پەيزىنى
دوستلار بىلەن مەي ئىچىشىپ قاۋاقتا
كېتىۋەردىم ئىزدەپ گۈزەل سەيلىگاھ
بېشىم قايغان ، پۇتۇم تايغان شۇ ياققا
ئۆتۈپ كۈنلەر نېرۋىلېرىم داتلاشتى
دەرس دىسە چاپتىم ھامان تالاغا
جېدەل تېرىپ مەكتەپ ئىچى سىرتىدا
دۇچار بولدۇم دەۋاسى يوق بالاغا
«سېنىڭ ئۈچۈن تەسەددۇقتۇر جېنىمىز...»
دېگەن «دوستلار» تاشلاپ كەتتى قارىماي
«ئائىلەڭگە قايتۇرۇلدۇڭ!» دېگەندە
بەك كېچىككەن ئىكەنمەن ئاھ ! نە قىلاي !؟
تۆنۈگۈنلا كۆكتە پەرۋاز قىلغانتىم
ھەر بىر كۈنۈم ئۆتكەچ شۇنداق شادىمان
مانا بۈگۈن كۆكتىن يەرگە دۇمىلاپ
تىلغىماقتا يۈرىكىمنى دەرت پىغان
ئەرزىمىدى بىر تىيىنغا ئاھلىرىم
بويۇن قىسىپ ھەممىگە تەڭ يېلىنسام
ياشار ئىدىم چىن ئىنسانىي روھ بىلەن
بۈگۈن ئۆلۈپ ، ئەتە قايتا تىرىلسام .
سەپتىن چۈشۈپ داڭگال بولۇپ سانالغاچ
زەرداپ يۇتۇپ قىلماقتىمەن پۇشايمان
ئىبرەت ئېلىپ ساۋاقداشلار مېنىڭدىن
زەپەر قۇچۇپ ئاشقايسىلەر تاغ - داۋان !!!