سەرسان ھەرپ
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئاغزىمدىن مارايدۇ سەرسان بىر ھەرپ ،
قۇياشقا تەۋەللۇت بولالماي يېغلاپ .
ماڭدىممەن قەلبىمدە چەكسىز بىر غەزەپ ،
قىساسكار زېمىننىڭ كەينىدىن قوغلاپ .
مارايدۇ قىسمىتىم كۈلۈپ قەھىرلىك ،
مەۋجۇدلۇق تويۇمغا قىلغاندەك ھەسەت .
شوخ ، ئەركە قىزچاقتەك كۈلسە كائىنات ،
كىر باسقان ۋۇجۇدۇم پاكلىنار بىر رەت .
سەرسان بوپ قۇياشمۇ قاچىدۇ ئۈنسىز ،
زىمىستان قوينىغا چاچالماي باھار .
ئاغزىمدىن دىڭگوسلاپ قاچقان ھەرپتەك ،
ئەبجەش بىر ساداغا چالىمەن ساتار .
بىر ھەرپ قىستىلىپ كىردى قەلبىمگە ،
مۇڭلىرىم ئالدىدا تۇرالماي تەمكىن .
ئۇ گويا قەلبىمنىڭ سۇلتانى ھەتتا ،
سەرسانلىق تەختىدە ياشايدۇ غەمكىن .