ئابدۇخالىق ياقۇپ
ئۈمىدلىك كۆزلىرىمنى ئالداپ قويۇپ،
بېغىمدىن ئۆزگە باغقا ئۇچۇپ كەتتىڭ.
ئېسىمنى يىغالمىدىم تىرىك تۇرۇپ،
مەن كەبىي قانچىلەرنى باغاش ئەتتىڭ.
ئارمانلار يېلىنجىغان ئىدى دەسلەپ،
مەن سېنى جىمجىت كۈلۈپ ئۇزاتقاندا.
تەنھا ئاي مۇڭغا چۆمدى مېنى بەزلەپ،
سەن مېنى تەنھالىققا غۇلاتقاندا.
خىيالىم ئىچرە خىيال سۈرەر دەۋران،
غازاڭلىق تار كوچىدىن ئېقىپ ئۆتسەم.
ئەلەملەر دىل خانەمدە تۇغار ئېسيان،
ۋاپاسىز نىگار ئۈچۈن يېشىم تۆكسەم.
تۈنلىرىمدە سېنىڭ ئۈچۈن ئۈلپەت بولۇپ،
كۈندۈزۈمدە زىكرى قىلدىم نىگاھىڭنى.
چىن پۈتمىسە گاھى ساڭا كۈلپەت بولۇپ،
چېچىۋەتتىم چاك باسمىغان خىيالىڭنى.
قارا بولۇپ كۆرۈنەرمەن بولساممۇ ئاق،
كۆڭۈلدىن – كۆڭۈلگە تارىدى سوغۇق.
ياشايمەن يەنىلا سېنىڭسىز بىراق ،
ئەرزىمەس بۇ سۆيگۈم بولسىمۇ قۇرۇق .