مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
قىشتىمۇ گۈللەر ئېچىلغاي، سەن كېلىپ قالساڭ ئەگەر ،
پاك قۇياشىنىڭ جىلۋىسى چېھرىمدىدۇر ھەر بىر سەھەر.
يۈزلىرىڭگە لەۋ يېقىپ ، سەلكىن شامال كەتكەي قېچىپ،
ئاھ ، مېنىڭ رەشكىم يامان ، سەلكىننى تېز توسقۇم كېلەر .
توز بولۇپ يوللاردا يۈرسەڭ، گاھىدا ئاھۇ كەبى ،
ئۆزگىلەردىن قىزغىنىپ ، چوغدەك دىلىم مىڭ ئۆرتىنەر .
مېھرى ئىسسىق قىز تۇرۇپ، سۆيگۈڭنى ھېچ بەرمەسلىكىڭ ،
نەۋ باھار كۈنلەرنىمۇ بىر مەن ئۈچۈن جۇت كۆرسىتەر ،
كۆزلىرىڭنى ئىزلىدىم ، ئاسمانغىمۇ مىڭ رەت قاراپ ،
سەن پەرىزاد يوق ، لېكىن جۈپ تۇرنىلار كۆپ كۆرۈنەر ،
مۇڭلىنىپ تۈن باغرىدا ، كۈيلەپ سېنى يازسام رومان ،
ئېيتتى يۇلتۇزلار :«ئۇ قىز دۇنيادىكى تەنھا ئەسەر.»
سارغىيىپ ياتقان يۇپۇرماق يۈرىكىمنىڭ سۈرىتى ،
دەردلىرىمنى ئاۋۇتۇپ يار ، دەسسىگەيسەن بىخەۋەر .
كەلمىدىڭ ، يىللار ماڭا :«خۇش قال» دېدى ، كەتتى يىراق ،
شۇ كۈتۈشتە مەن گويا يانغىندىكى ۋەيران شەھەر .
سەن ئۈمىدۋار ھالىدىن مەغرۇر كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن ،
مەن جاھاندىن كەتكۈچە ، سۇنغان دىلىم سەنچۈن كۆيەر.
2007-يىل 11-سېنتەبىر سەيشەنبە، ئۈرۈمچى