مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
پىراقىڭدا دىلىم غەمكىن ، خۇشاللىقتىن جۇدا كەلدىم ،
تىلەپ ۋەسلىڭ سەھەر، چۈش ھەم كېچىلەردە دۇئا كەلدىم .
«قىزىل گۈلسەن پورەك ئاچقان ، چىمەنزاردىن ماكان تۇتقان ،
سۆيەي بەرگىڭ » دىگەن ئويدا ، گويا يەڭگىل سابا كەلدىم ،
يارەنلەر ۋە قېرىنداشلار ئارا ئورنۇم ئىدى زەردار ،
لېكىن سەن بار تامانلارغا خاراب بولغان گادا كەلدىم .
ساڭا ئاشىقلىقىم ۋەجى ، قەسىرلەردىن تامام كەچتىم ،
شېغىللىقتۇر ياتار جايىم ، جېنىمغا كۆپ جاپا كەلدىم ،
مازارلاردا ئىزىم قالدى ، بازارلاردا كۆرۈنمەسمەن ،
قارارىڭنى بىلەلمەسمەن ، تىۋىشسىز بىناۋا كەلدىم .
كېتەر قۇشلار سېرىق كەچكۈز ، باھار پەسلى ھامان قايتار ،
«ساڭا ئەي يار يولۇقسام » دەپ ، ئۇچۇپ مەنمۇ ساما كەلدىم .
كېچە بولسا كۈلەر چولپان ، تولۇن ئاي بار يورۇق ئاسمان ،
ئۆزۈڭ يوقسەن قۇياش يۈزلۈك ، ئەجەب بەختى قارا كەلدىم .
تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، قارا ساچىم يۈتۈپ كەتتى،
دىلىم قىشتۇر ، بېشىمدا قار ، قىرانلىقتىن ئادا كەلدىم .
ئۈمىدۋاردىن جامالىڭنى ئەبەد پىنھان تۇتار بولساڭ ،
پىغانىم شۇ ئۆمۈرلۈك ، ئاھ :«بۇ دۇنياغا خاتا كەلدىم ».
2007-يىل23-ئاپرېل دۈشەنبە، ئۈرۈمچى.