مەھمۇدجان خوجا  ئۈمىدۋار
 
پەرىۋەشىم ، سېنى ئىزلەپ ، يىراقلارغا بېرىپ كەلدىم ،
لېكىن ھېچ تاپمىدىم ۋەسلىڭ ، ئاجايىب بىر غېرىب كەلدىم .
 
قەلەندەردەك كىيىپ جەندە ، غەزەل توۋلاپ سەھەر ئۆتسەم  ،
يۈرەر كەينىمدە كۆپ دەردمەن ، ئاشىقلىقنى تېرىپ كەلدىم  .
 
«يۈرەر ئاھۇ  قىيالاردا ، ماڭا نە بار گۈلىستاندا ؟»-
دېگەن ئويدا ، ئادەمزاد يوق باياۋاندا ئېزىپ كەلدىم .
 
پىغانىمدىن زېمىن باغرى كۆيۈپ تۇرغاچ گويا چوغدەك ،
دىلىم دەردىنى كۆز ياشتا تالاي پەسىل يېزىپ كەلدىم .
 
قىزىل يۇلغۇن ئۈنۈپ چىقتى يېشىم تامغان قارا تاشتىن ،
قەدىم چۆل سىرىنى شۇنداق بولۇپ غەمخان ، قېزىپ كەلدىم .
 
نىدا قىلسام كېچىلەر گاھ ، تۆكۈلدى بىساناق يۇلتۇز ،
ئېچىندىم ھەم تېرىپ ھارماي، سامالارغا تىزىپ كەلدىم .
 
قارا ئۆڭكۈر ماكانىمدۇر ، «پىراق » ناملىق قەلەم بىرلە 
كەبى مانى، سىياقىڭنى سوغۇق تامغا سىزىپ كەلدىم .
 
قۇرۇقلۇقتىن خەۋەر بولماي، دېڭىزلارغا يۈرۈش قىلدىم ،
ئەزىملەردە تاھىرنىڭمۇ يۈرەك – باغرىن ئىزىپ كەلدىم .
 
ئۈمىدۋارمەن ھامان تەنھا، زامان بېگانىسى ھەتتا،
ماكانىڭ بولسا گەر ئايدا، چۈشۈمدە ھەم كېزىپ كەلدىم.
 
2007-يىل 13-ئاپرېل جۈمە كېچە، ئۈرۈمچى .