مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
ئەزەلدىن مەن ساڭا ئاشىق ، غېرىب دېۋانە مەشرەبمەن ،
سېنى ئىزلەپ پەسىللەردىن ، يۈرەر ھەر يانە مەشرەبمەن ،
پەرىشان ، قايغۇدا قالغان ، كۈنى ۋەيرانە مەشرەبمەن،
نە ھالەتدۇر ، ئايا دوستلار ، ئەجەب ھەيرانە مەشرەبمەن ،
كۆرەلمەي گۈلئۇزارىمنى بەسى گىريانە مەشرەبمەن .
مەھەللەڭدىن ئۆتەر بولسام ، قارار ھەممە گۇمان ئەيلەپ ،
نادانلار تاش ئاتار گاھى ، مېنى ئەغيار، يامان ئەيلەپ ،
كۆرۈنسەڭ كاشكى بىر مەررە ، دىلىمنى شادىمان ئەيلەپ ؟!
قەلەندەرۋار يىغلارمەن ، ئىشىكلەردە فىغان ئەيلەپ ،
خەلايىقغە بۇ ئالەمدە بەسى ئەفسانە مەشرەبمەن .
كىيىكتەك ئۆتتى ئاھ ، بىر چاغ ، شۇئان ھوشتىن ئادا بولدۇم ،
نىگاھىغا بېقىپ مەستان ، ئاڭا بارىم پىدا بولدۇم ،
لېكىن كەتتى نەزەر سالماي پىراقىدا گادا بولدۇم ،
نەزاكەتلىك نىگارىمدىن ئاشۇ سائەت جۇدا بولدۇم ،
كۆيۈپ ھىجران ئوتىدا دائىما سوزانە مەشرەبمەن .
تاھىر قالغاي خىجالەتتە ، ئەلەمىم سۆزلىسەم گەر مەن ،
يۈرەكتە بار تۈمەنمىڭ تىغ ، ھامان يارنىڭ غېمىن يەرمەن ،
كوھىقافتا نىگار بولسا ، شۇئان ئۇچتۇم قېقىپ پەرمەن ،
مەن ئاڭا دەردى زار ئايتىپ ، ئىشىتىپ يىغلايىن دەرمەن ،
كۆرەي دەپ ئول ۋەفادارىم ، يۈرۈپ جۇيانە مەشرەبمەن .
ئاشىقلارنى خاراب قىلغان ۋاپاسى يوق سەنەملەردۇر ،
زامان ئەگكەي چىنارلارنى ، مىنىڭ قەددىممۇ خەملەردۇر ،
يۈزۈمدە پەسلى كۈز رەڭگى – ئۆزۈڭ قىلغان سىتەملەردۇر ،
فەلەكنىڭ جەبرى كۆكسۈمدە ، ئەلەم ئۆزرە ئەلەملەردۇر ،
تەرەھھۇم ئەيلەبان كۆرگىل ، جاراھەتخانە مەشرەبمەن .
ئۆزۈم ئاشىق، مالامەتلەر ماڭا ھەر چاغ ئاتالغاندۇر ،
دىلىم ئاھى يېتەر مەنزىل ، دىلىمدەك ئەڭ پەرىشاندۇر ،
ناۋا قىلماس بىرەر قۇشمۇ ، گۈلىستان ھەم غېرىباندۇر ،
مىنىڭ كۆڭلۈم قىزىلگۈل غۇنچەسىدەك تەھ - بەتەھ قاندۇر ،
ئاچىلماستىن خەزان بولغان چۇ ماتەمخانە مەشرەبمەن .
ساڭا كۆيمەكلىكىم قىسمەت ، ئۆچەرگە يوقتۇر ئىمكانىم ،
قەسىر قەلبىم ، خوجايىنسەن ، ئەمەس بىر رەتكە مېھمانىم ،
ئۈمىدۋارمەن جامالىڭ دەپ ، يېزىلغاي يەنە داستانىم ،
ۋىسالىڭنى تىلەپ ، مەشرەب يېتىبدۇر ھەلقۇمە جانىم ،
كېچە – كۈندۈز قەرارىم يوق ، ئەجەب سەرسانە مەشرەبمەن .
2007-يىل 8-ئىيۇن جۈمە، ئۈرۈمچى شەھىرى.