مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مەن كۆرەرمەن قايدا يۈرسەم ، بىر گۈزەل سەرسانە قىز ،
ئەمدى بىلسەم، ئۇ ئەزەلدىن ماڭا چىن پەرۋانە قىز،
بىر تەبەسسۇم ئەيلىسەم ، تاپقاي شۇئان دەرمانە قىز ،
«سۆيگۈ » دەپ بولدى غېرىب ، يانماس لېكىن مەردانە قىز،
قەلبىدە يانغان پىراق قىلدى ئۇنى دىۋانە قىز.
ئۇ پەرىزادتۇر گويا ، گۈل ھۆسنىدە يوقتۇر ئېۋەن ،
شاھسەنەملەر ئىچرە ھەم جاننى ئالار خۇشخۇي لېۋەن ،
چۆلگە گەر قويسا قەدەم ، ئۈنگەي شۇئان خۇشبۇي چىمەن ،
مەن مېھىر بېرەلمىدىم ، كۆڭۈل ئەجەب سىرلىق ئىكەن ،
بىنەزەر بۇ ھالىتىمدىن بىماجال ، ھەيرانە قىز.
ئۆزى شوخ بۇلبۇل ، لېكىن قىلماس ناۋا باغلار ئارا ،
تۆت پەسىل يامغۇر ياغار جۈپ كۆزلىرى تۈندەك قارا ،
باغرىدۇر تاغ لالىسى ، سۆيگۈ تىغى قىلغاچ يارا ،
شۇنچە رەنا ياشلىقى غەمدە ئۆتۈپ بولغاي ئادا ،
ئۆزى ساق ، دىل ئوردىسى يىللارسېرى ۋەيرانە قىز.
چۈشلىرىدە مەن بىلەن يۈرگەي خۇشال باغلار كېزىپ ،
ئەركىلەر تاتلىق كۈلۈپ ، شىرىن سۆزۈمدىن مىڭ ئېزىپ ،
قەلبىگە سەرخۇش پېتى تۇرغاي يەنە نامىم يېزىپ ،
ئاتسا تاڭ ، نالە قىلار چۈشى ئىكەنىنى سېزىپ ،
مەن تۇتار سۆيگۈ شارابىغا ئەجەب مەستانە قىز .
ئوقسىمان كىرپىكىدە شەبنەم خىرامان ئۇخلىغاي ،
كۈلسە دىلدىن بىر نۆۋەت ، يەر ئايلىنىشتىن توختىغاي ،
ھالىنى سوراپ ھامان ئاي ۋە قۇياش تەڭ يوقلىغاي ،
ئۇ مېنىڭ كويۇمدىلا ، شادلىق نىمە؟ ھېچ ئۇقمىغاي ،
ھەر كۈنى كۈتتى مېنى ، تاپماي بىرەر ھەمخانە قىز .
نەۋ باھاردا بېشىغا يەڭگىل كېلىپ قونغاي چېچەك ،،
يازدا ھەم رەيھان بىلەن لىق تولدۇرۇپ يۈرگەي ئېتەك ،
پەسلى كۈز ياپراقلىرى ئۇچسا ، شۇئان يىغلار يۈرەك ،
قىشتىكى كۆللەر ئاڭا چەكسىز ئازاب بەرسە كېرەك ،
ئۆزىمۇ دەردلىك تۇرۇپ ، دۇنياغا ئەڭ غەمخانە قىز .
ۋەسلىگە تەشنا بولۇپ ، سانسىز يىگىتلەر ئىزدىگەن ،
كۈيلىرىدە :«ئەي پەرى ، ئالەمدە تەنھا سىز » دېگەن ،
«قەلبىمىز ئاسمانىدىن ھېچ ساقىماس يۇلتۇز» دېگەن ،
ئېرىشەلمەي ، ئاقىۋەت : « بەكمۇ تەكەببۇر قىز » دېگەن ،
مەن ئۈچۈن ئازاردىدۇر ، ئەل ئاغزىدا ئەپسانە قىز .
شوخ شامالدىن ئاڭلىسام ، قىزدا شۇتاپ ئېغىر ئازاب ،
گاھى تۈن كەلدى ئۆزى ، مەن قويمىدىم ئەسلا قاراپ ،
بىر غەزەلخان ئېيتتى :«گەر غېرىبقا دىل بەرسەڭ، ساۋاب» ،
بولمىسا ئىشقىم ئاڭا ، قانداق بىرەي ياخشى جاۋاب ؟!
كەچمىدى مەندىن، لېكىن ئۆز-ئۆزىدىن بېگانە قىز .
ماڭا تەسىر قىلمىدى ، مىڭلارچە ئاھ ئۇرغانلىرى ،
مەن ئۈمىدۋار چارىسىز ، كۆپتۇر دىلىم قورغانلىرى ،
ياغدى قارلار قەلبىگە ، بولماي ۋىسال ئىمكانلىرى ،
ئەمما ئۇ كۈتمەكچىكەن ، ئۇلغايسىمۇ ھىجرانلىرى،
مەنمۇ كۆيۈپ، سۆيگۈچە يۈرمەكچىكەن يېگانە قىز .
2008 -يىل 29-فېۋرال جۈمە، ئۈرۈمچى شەھىرى.