مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
تۈزەلمەيدۇ دەردىم مېنىڭ، ئۆلسەم كېرەك،
تۇپراق بىلەن ئاغا-ئىنى بولسام كېرەك.
ئۆلۈم نېمە؟ بۇمۇ بىر خىل سەير، ئانا،
ئوغلۇڭ قارا يەرگە كەتتى، خەير ئانا.
تۈزەلمەس بۇ دەردىم مېنىڭ ئۈمىدىم يوق،
خىرە شامدەك كۆزلىرىمدە ئۆچمەكتە چوغ.
چوغ نېمىدۇر؟ چوغمۇ تۈتەپ كۈل بولىدۇ،
ئىنسان بىر كۈن ئۆز نەپسىگە قۇل بولىدۇ.
يۈرىكىمنى تامام قىلدىم يىغلاۋېرىپ،
ھوزۇرۇمدا ئەجەل تۇرار، قاشىن كېرىپ.
مەن ھاياتتا ئۆلۈمگە تىك بېقىپ ئۆستۈم،
قېنى ماڭا ئاتالغان جاي؟! كەتتۇق دوستۇم.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.