مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
كېلىنچىكىم كۈلۈپ-كۈلۈپ كەتتىڭىزمۇ؟!
يۈرىكىمنى تىلىپ-تىلىپ كەتتىڭىزمۇ؟!
يالغۇزلۇقتا نېمە بولسام بولدۇمغۇ مەن،
سىز مۇرادقا يەتتىڭىزمۇ، يەتتىڭىزمۇ؟!
مەندىن تېنىپ كەتكەن قىزدىن تانار دىلىم،
دەردىڭىزدە قان يىغلايمەن(قانار دىلىم،)
يولىڭىزدا مەشئەل كەبى يانار دىلىم،
يات كوچىدىن ئۆتتىڭىزمۇ، ئۆتتىڭىزمۇ؟!
كۆڭلىڭىزنى ئالدىمۇ شۇم يەڭگىلىرى،
ئالداپ يولغا سالدىمۇ يا ھىيلىلىرى،
كۆڭلىڭىزنى ئالدىمۇ پۇل-تەڭگىلىرى،
سۆيگۈمىزنى زەرلىرىگە ساتتىڭىزمۇ؟!
مۈلكىڭىزگە نى پەرىلەر قىلغاي ھەۋەس،
يارىم ئېيتىڭ سىزگە يەنە نېمە يەتمەس؟!
نېچۈن ئايدەك يۈزىڭىزدىن قايغۇ كەتمەس؟!
ھىجرانلارغا سىزمۇ ئەمدى پاتتىڭىزمۇ؟!
كۈن پاتماستىن ئىشىكىڭىز يېپىلىدۇ،
ئاسمانلارغا پولات زەنجىر ئېسىلىدۇ،
يىغا بىلەن خۇمارىڭىز بېسىلىدۇ،
ئىزلەپ-ئىزلەپ شۇ زىنداننى تاپتىڭىزمۇ؟!
ھىلالىم ئاھ، يات كوچىغا پاتتىڭىزمۇ؟!.....
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.