مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
فەرغانەمنىڭ پەرىۋەشلىرى،
ئەي جېنىمنىڭ قېرىنداشلىرى،
بوينىڭىزغا مەرۋايىت بولسۇن،
مارجان-مارجان كۆزۈم ياشلىرى.
مۇھەببەتتىن ئېيتىشىپ ئۆلەن،
خۇشال ئويناپ ئۆستۈم سىز بىلەن.
بىر كېچىدە تاشلىدىم، كەتتىم،
قايتاي ئەمدى قايسى يۈز بىلەن؟!
يادىمدا پاك تۇيغۇلىرىڭىز،
جاراڭلىغان كۈلكىلىرىڭىز،
گەر يېنىمدا بولمىسىڭىزمۇ،
خىيالىمدا يۈرگەن ئۆزىڭىز.
سىز مەن ئۈچۈن ئاھۇ كەبى شوخ،
كۆز ئالدىمدا ئوينايسىز ئەركە.
قورغىنىمغا كەلمەيسىز ئەمما،
سىز قەلبىمدە گۈزەل مەلىكە.
ئويۇن بىلدۇق بۇ كەڭ دۇنيانى،
ئويۇن بىلدۇق مۇھەببەتنى ھەم.
قىزلار گاھى ئېيتقاندا ئۆلەن،
ئەسلەپ قويۇڭ مۇھەممەدنى ھەم.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.