مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
گۈزەللەردىن گۈزەل بىر قىز چېچىم سىلايدۇ،
مېنىڭ بىر جۈپ نىگاھىمدىن ياش تامچىلار،
«سۆيىمەن» دەپ ئالدار مېنى يالغانچىلار،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
باغرىمنى ئاھ كۆيدۈرىدۇ يالغانلىرى،
يانلىرىغا چىللار ماھى تابانلىرى،
بولسام ئەگەر مەن يېگانە قۇربانلىرى،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
كونا دۇنيا، بۇ قىزلىرىڭ بۇنچە گۈزەل،
نەزەر سالسام، كۆكتىكى ئاي-كۈنچە گۈزەل،
قانچە گۈزەل بولسا، ئالدار شۇنچە گۈزەل،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
ھازىركۆزۈم يۇمماقچىمەن يەردە يېتىپ،
يۈرىكىمنى سۇغىرىمەن قان يىغلىتىپ،
شىر-يولۋاسللار يېسۇن ئۇنى ھوزۇرلىنىپ،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
كىمنى سۆيسەم، كۆيگەن ئاڭا باغرى-دىلىم،
كۆز ئالدىمدا بولسا مەيلى تىلىم-تىلىم،
ھارام بولسۇن مۇھەببەتسىز ئۆتكەن كۈنۈم،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.