مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
قىزىل لالەم، قىردىن بۆلەك غەمخانەڭ يوق،
چېچىڭ يايساڭ، يەردىن بۆلەك تاش ئاينەڭ يوق.
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ تۇرغىنىڭدا ئۆزۈم بېرىپ،
پېشانەڭگە سۆيەي دېسەم، پىشانەڭ يوق.
تاۋلىنىسەن كېلىنچەكتەك بېشىڭ ئېگىپ،
جەرەن ئۆتكەن سوقماقلارغا يېشىڭ تۆكۈپ،
قىزىل يۈزۈڭ قان دىلىمغا تۇرار تېگىپ،
سەن بىر غېرىب، مەندەك ئاشىق پەرۋانەڭ يوق.
قەدرىڭ بىلگەن، دەردىڭ بىلگەن ئېيىت كىمىڭ بار؟
كېلىپ-كېتەر باھار ساڭا بىۋاپا يار،
گۈزەلسەنكى، ساڭا بارچە گۈللەر ئەغيار،
ئاھ ئۇرساڭ، بىر ئاھىڭ تىڭشار ئاستانەڭ يوق.
يېنىڭغا مەن بارالمىسام، كەچ گۈناھىم،
بىر يوقلاپ قوي، مەن دۇنيادىن ئۆتكەن چاغىم،
قەبرەمدە خۇش پۇراپ تۇرغىن لالە جانىم،
مۇھەممەدتىن بۆلەك دوستۇ-دىۋانەڭ يوق.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.