مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
يۈرەككە زەردابتەك تولغىنىڭ ئەلەم،
گاھىدا ئېچىلماي سۇلغىنىڭ ئەلەم.
مۇھەببەت، مۇھەببەت ھەممىدىنمۇ بەك
چاچقا ئاق چۈشكەندە كەلگىنىڭ ئەلەم.
سىردىشىڭ كەلگەندە سېزەلمەي قېلىپ،
ئاشىقلىق يولىدىن قايتالماي قېلىپ،
دەردىڭنى ھېچكىمگە ئېيتالماي قېلىپ،
ھالىڭنى بىر ئۆزۈڭ بىلگىنىڭ ئەلەم.
گاھىدا خاتىرجەم، گاھ غەمدە يىغلاپ،
گاھ يۇلتۇز، گاھىدا ئاي كەبى پارلاپ،
بىر تاتلىق جىلمىيىپ، يېنىڭغا چىللاپ،
يىراقتىن غەمزىلەر قىلغىنىڭ ئەلەم.
سۆزلەيسەن بىپەرۋا: «مېنى ئۇنۇت» دەپ،
يۈرگەچكە يولۇڭدا ئاشىقلار سەپ-سەپ،
«بەخىتلىك بولدۇڭمۇ شائىر يىگىت؟» دەپ،
ھەر كۈنى ئۈستىمدىن كۈلگىنىڭ ئەلەم.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.