مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
سەمەرقەندكە بارسام مەن ئەگەر،
ئۇلۇغبېكنى كۆرۈپ قايتىمەن.
ئۇ قان يىغلاپ تۇرار ھەر سەھەر:
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
باغرىمدا چوڭ بولغان بوز بالام،
مەرگەن بالام، لاچىن كۆز بالام،
بوغۇزۇمغا تىغ ئۇرغان ئۆز بالام،
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
سەزمەي قالدىم يىقىلغان چاغىم،
يۇلتۇزلاردا ئىكەن نىگاھىم،
بىلمىدىم، نە مېنىڭ گۈناھىم؟...
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
بۇنچە غەمكىن ئۆتمىگەن ئېدىم،
بۇنچە زەھەر ئىچمىگەن ئېدىم،
ئۆز بالامدىن كۈتمىگەن ئېدىم،
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
تېنىم مۇزلاپ، تاشتەك قاتىمەن،
مەن شاھ ئەمەس، بەلكى ئاتىمەن،
قەبرەمدىمۇ ئويلاپ ياتىمەن،
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
*****************************
سەمەرقەندكە بارسام مەن ئەگەر،
ئۇلۇغبېكنى كۆرۈپ قايتىمەن.
ئۇ قان يىغلار ھەر كۈن، ھەر سەھەر:
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
*ماتېماتېكا، ئاستىرونومىيە ۋە پەلسەپە ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە مەشھۇر ئالىم، ماۋەرائۇننەھىرنىڭ ھۆكۈمرانى مىرزا تاراغاي ئۇلۇغبېك 1449-يىلى27-ئۆكتەبىر ئۆز ئوغلى ئابدۇللەتىف مىرزا تەرىپىدىن سەمەرقەندتە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ يەردە شۇ ۋەقە كۆزدە تۇتىلىدۇ.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.