مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك،
ۋەسلىڭگە زار بۇ ئاشىقلار ئېھتىمال.
ئالدىڭدا تىز پۈكۈپ يىغلار ئېھتىمال،
لېكىن سادىق بولالمايدۇ مېنىڭدەك.
ئالدانما يار ئالدامچىلار مىكرىگە،
مەلەك بولما بىۋاپا ئىشق شەھرىگە،
ئۇلار سېنى بىر باسسا بەس كۆكسىگە،
سېنى ھىچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
يولۇڭ كېسىپ ئۆتسە، ئۆزۈم خىجالەت،
ئۇزاقتىن بىر سېنى كۆرسەم كۇپايەت،
بىر بېقىشىڭ ماڭا كاتتا ئىنايەت،
سېنى ھىچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
جېنىڭغا جان بولمايمەنۇ، سۆيەرمەن،
يېنىڭغا بىر كەلمەيمەنۇ، سۆيەرمەن،
ئىسمىڭنى ھەم بىلمەيمەنۇ، سۆيەرمەن،
سېنى ھىچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
سەن كۆكتىكى يىپەك كۆينەك ھۆر پەرى،
كۆك كۆلدىكى تىنىپ قالغان سۇ پەرى،
مۇھەممەدنىڭ كۆڭلىدىكى دىلبىرى،
سېنى ھىچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.