مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
سۆيگىنىم، سۆيگىنىم ئاغرىيدۇ دىلىم،
جېنىم بەك قىينىلار سىزنى ئەسلىسەم.
گۈلدەك يۈزىڭىزنى سىلار ئەمدى كىم،
مېنى ئويلارسىزمۇ-يوقمۇ ئاشۇ دەم؟!
بۇلۇتلار كۆك كېزەر كۈندە پىيادە،
قۇياشمۇ قىزىرىپ پاتىدۇ شۇنداق.
ئارمىنىم ئىكەنسىز يورۇق ئالەمدە،
سىزنى ئويلىماستىن ياشايمەن قانداق؟!
كۆڭلۈم ئاسمانىدا كۈز پۇشتەك چالار،
كۆزۈمدىن ياش بولۇپ ياغىدۇ ياپراق.
دوستلىرىم - تەكەببۇر ئەدىب، شائىرلار،
ئۆزىنى سۆيىدۇ، يارىدىن كۆپراق.
كۈنلەرنىڭ قولىدا سۆيگۈ خەنجىرى،
باغرىمدا بىگۇناھ بىر گۈل سۇلىدۇ.
تايچاققا ئايلىنىپ گاھ كېچىلىرى،
تۇپراقتا ئېغىناپ ياتقۇم كېلىدۇ.
سۆيگىنىم، سۆيگىنىم ئاغرىيدۇ دىلىم،
دىلىم يامان ئاغرار سىزنى ئەسلىسەم.
سۇمبۇل چېچىڭىزنى سىلار ئەمدى كىم،
مېنى ئويلارسىزمۇ-يوقمۇ ئاشۇ دەم؟!
بىلمەيمەن، بىلىشنى خالىمايمەن ھەم،
بۇ پەلەك ماڭا بەخت نېسىب ئەتمەيدۇ.
يىللارغۇ ئۆتىدۇ، كۆزۈمدىن سەنەم
سىزنىڭ ئايدەك رۇخسارىڭىز كەتمەيدۇ.
دۇنيا ئامان بولسۇن، سىز بولۇڭ ئامان،
يار بولسۇن سىزگە چىن بەخت ۋە ئامەت.
لېكىن يار بىلىپ قويۇڭ، بىلىڭ سىز ھامان:
بىر ئۆمۈر ئۇنتالماس سىزنى مۇھەممەد.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.