مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان) شىئىرلىرى
ئاددىي ۋە يەڭگىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە تالانتلىق ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەد يۇسۇف 1954-يىلى 26-ئاپرېل ئەندىجان ۋىلايىتىدىكى مەرھەمەت دىگەن يەردە تۇغۇلغان. 1978-يىلى رۇس تىل-ئەدەبىياتى ئېنىستىتۇتىنىڭ رۇس تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلاىن باشلاپ شائىرنىڭ «تونۇش تېرەكلەر»، «ئىلتىجا»، «ئۇيقۇدىكى قىز»، «ھەلىمە ئانام ئەللەيلىرى»، «ئىشق كېمىسى»، «كۆڭلۈمدە بىر يار»، «بىۋاپا كۆپ ئىكەن»، «يالغانچى يار»، «ئەركە كىيىك»، «ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتىمەن»، «ئۇلۇغىمسەن ۋەتىنىم»، «مۇھەممەد يۇسۇف»...قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. بەش يۈز پارچىغا يېقىن شېئىرى ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. شۆھرەت قازانغان ئۆزبېك سەنئەتكارلىرىدىن مۇھەممەد يۇسۇف بىلەن ھەمكارلاشمىغىنى يوق دىيەرلىك. ئۇ بۈيۈك خىزمەتلىرى بەدىلىگە «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان.
ئۆزىنىڭ ئاجايىب بەدىئىي ئىستېداتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان بۇ مەشھۇر شائىر 2001-يىلى 31-ئىيۇل يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن. كەسىپداشلىرىدىن سىرت، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموۋ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەزىيە تېلىگراممىسى يوللىغان.
كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم گۈلدىن ھەم،
قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،
ئەگەر بىر زات يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
سىغماي قالسام شۇنداق كەڭ بۇ جاھانە،
ئاسمانلارغا روھىم بولسا راۋانە،
جانسىز تېنىم ئۈستىدە ھەم پەرۋانە،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
سۇنار بولسا قولۇمدىكى تار دۇنيا
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئۇنۇتقاي دوست-يار، دۇنيا
يەرۇ-كۆكنى تىترىتىپ زار-زار دۇنيا،
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
گۈلدەك كۈلۈپ يۈرمەسمىدى ئوغلۇم دەپ
يېرىم كۆڭلى تولماسمىدى ئوغلۇم دەپ،
«ئاناڭ ئۆلسە بولماسمىدى» ئوغلۇم دەپ
ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
2009-يىل9-نويابىر دۈشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى.