ئاغرىق يەتمسۇن!!...
ئاغرىق يەتسە تېنىڭگە جېنىم ،
غەمگە چۆمەر پۈتكۈل كائىنات.
گەر يەتكەندەك ئاغرىق تېنىمگە،
ئارام بەرمەس يۈرۈكۈمگە پەقەت.
ئاغرىق يەتسە تېنىڭگە جېنىم ،
سۇلغۇن بولار ئوماق چىرايىڭ،
قۇلاقلىرىڭ ھېچ سۆز خالىماس،
تېخى تۇتۇلار ئويماق ئېغىزىڭ.
شۇڭلاشقىمۇ يەتمىسۇن دەيمەن ،
ئاشۇ ئاغىرىق ئاجىز تېنىڭگە.
بولسا دەيمەن تېنىڭ سالامەت ،
نىدالىرىم يېتىپ تەڭرىگە.