مىنىڭ جىسمىم كەتسە ئۆرۈلۈپ ،
روھىم دوۋزاخ ئىچىدە كۆيۈپ .
سەن ياتىسەن قەبرەم بېشىدا
گۇيا گىرانىت تاشتەك تۈگۇلۈپ.
بىلەگەن چاغدا مىنىڭ قەلبىمنى _
يۈرىيسەن ئۆزۈڭدىن ئۆكۈنۈپ .
مەن كەلمەيمەن يېنىڭغا قايتىپ،
تىلىسەڭمۇ قوپماي يۈكۈنۈپ.
يا سۆيگۈمنى بىلىپ قالارسەن
ھىجرانلاردا يۈرسەڭ ياش تۈكۈپ.............
شۇڭا جانان قەدرىمنى بىلگىن
ئاشىقىڭ يۈرمىسۇن ئۆكسۈلۈپ.
ھەر نەرسىنىڭ مېھرى ئۆزگىچە
ماڭىمۇ بەر مېھرىڭنى بۆلۈپ.