نالە
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۇھرەت
چىرمىۋالدى قەلبىمنى خىيال ،
سەنسىز ياشاپ ئۇتكەندىن بىرى .
كۆزلۇرۇمدىن ئاقتى تارام ياش ،
سەن كۇزۇمدىن يۇتكەندىن بىرى .
سىمايىڭنى ئۇنتالمىدىم ھىچ ،
سىنى تۇنجى كۇرگەندىن بىرى .
يۇرەلمىدىم يات بىلەن مەغرۇر ،
بىر سەن بىلەن يۇرگەندىن بىرى .
قىزىقمىدىم سەنسىز سۇيگۇگە ،
ساڭا كۇڭۇل بەرگەندىن بىرى .
ئۇزگىلەرگە تەرمىدىم گۇللەر ،
بىر ساڭىلا تەرگەندىن بىرى .
تەنلىرىمدە قالمىدى ماغدۇر ،
سەن يىنىمدىن كەتكەندىن بىرى .
ئۇلدى جىسمىم ئۇلدى ھەم يۇرەك ،
يەرلىكىڭنى ئەتكەندىن بىرى .
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۇھرەت .
تەخەللۇسى : ئەلرازى ....