پارچە
قەلبىڭدىن سەن ماڭا بەرسەڭمۇ قەسەم،
ۋەلېكىن كىچىكتىڭ بەكمۇ كىچىكتىڭ.
مەن ساڭا كۆپ قېتىم بەرگەندە پۇرسەت،
ئېيىتقىن يار نە باغدا يايراپ يۈرگەنتىڭ.
* ** ** ** ** ** ** *
زەمزەمدىن قاينىغان بىر پىيالە چاي،
ۋۇجۇدنى قانلىغان بىر پىيالە چاي.
يۈرەكنى زەردابتەك كۆيدۈرۈپ ئوتتا،
شادىمان چاپتى،- قايرىلدى شۇ تاي.
** ** ** ** ** **
ھاياتىم ئۆركەشلەپ ئاققان شوخ دەريا،
ھاسىراپ توختايمەن ھەر بىر ساھىلدا.
مەڭگۈلۈك نىشانىم پەقەتلا بىر دۇر
مەڭگۈلۈك نۇر بولۇپ قالسام دۇنيادا.