تۇنجى قار ياغقان بۇ كىچە،
خىياللارغا بولىمەن تۇتقۇن.
مۇزلىماقتا تەنھا بۇ تىنىم،
يۈرۈكۈمدە بىر ئۇلۇغ ئۇچقۇن.
ئاينى ئۈزۈش ئارمانى بىلەن،
قول سۇنسام ئۇ شۇنچە ئىگىز.
قاينام تاشقىن ئىچىدە ئۆزۈم،
لىكىن قەلبىم جىمجىت بىر دېڭىز.
مەن ئوت بولۇپ ياندىم بۇ كىچە،
ئاي دەرىزەم سىرتىدا قالدى.
سۆيگۈ تىلەپ سۇنغان قوللۇرۇم،
سايىل كەبى نائۈمىد قالدى.
ئاي بۇندا كۆزىنى قىسىپ،
كۈلۈپ تۇرار كۆكنىڭ قەرىدە.
ئازابلارغا ئۆلۈپ كەتمىدىم،
ئازابمۇ ھەم تاتلىق بەزىدە.
2005 يىل 11 دىكابىر دالىيەن