ئەگەر بەختكە ئىنتىلسە كۆزلە،
ئۇنى سەن بىلىملەر باغىدىن ئىزلە.
كىرشچۈن سەن ئۇ گۈلشەنگە ئاۋال ،
نادانلىق دۆڭىنى قالدۇرماي تۈزلە .
*********
كۆزلىرىمدىن ئاقماقتا يۈرەكنىڭ يېغى،
توسۇۋالغاچ يولۇمنى نادانلىق تېغى .
ئازابلايدۇ قەلبىمنى ئاراملىق بەرمەي،
خەلقىمنىڭ خۇراپاتتا قىينالغان چېغى.
***********
ئۆزگىدىن باتنايسەن ئۆزۈڭنى قويۇپ،
ئالغىدەك بوپكەتتىڭ كۆزىنى ئويۇپ.
ۋە لېكىن ئۆزۈڭنى بىلمىگەچ ئۆزۈڭ،
ئۆزگىمۇ زار سەندىن شۇنچىلىك تويۇپ.
*******
ئاناڭ ھايات، ئاناڭ ھايات دېمەي قانداق ھالىڭ سېنىڭ ،
ھەپتە، ئايلار بولمىدى يە ھېچ ئىشقا كارىڭ سېنىڭ.
ئاتاڭ ئۆلدى، ئاناڭ ئۆلدى ھاياتتا كۆپ ئازار يەپ ،
نېمە پايدا بېرىپ نەزىر قىلغان يىغا - زارىڭ سېنىڭ.
*******
سورۇنلاردا ۋالاقلايسەن مەدەنىيەتتىن ،
ياكى دۆلەت سۇلتانىدەك ھاكىمىيەتتىن .
ئەمەلىيەتتەبېقىپ كۆرسەم قىلغان ئىشلىرىڭ،
قىلىشمايدۇ بىر ساختىپەز قارا نىيەتتىن.