ئاپتۇرى ئەخمەتجان(دەرتمەن)
ئىرىڭ تۇرۇپ ئەر ئىزدەپ كىرىپ كەپسەن مۇنبەرگە،
ھايا-ئىمان نامىڭنى تۆت تەڭگۇگە ساتتىڭمۇ.
كۆيدۇم دىسە سىز ئۇچۇن چىچىلاردا يالغاندىن،
رىستۇرانغا-بەزمىگە ئارقىسىدىن چاپتىڭمۇ.
ئويلىمىدىڭ ۋاپادار تۇنجى سۆيگەن ئىرىڭنى،
بىرىۋەتتىڭ كىمگىدۇر ئەڭ قىممەتلىك يىرىڭنى.
ئەل بۇلمەيدۇ دىمىگىن بۇلۇپ قالدۇق سىرىڭنى،
ئىرىڭ تۇرۇپ ۋاي ئىسىت، نىكاسىزلا ياتتىڭمۇ.
ئانا دىسە باللىرىڭ يۇرەكلىرىڭ كۆيمەمدۇ،
ياكى سىنى يولدۇشۇڭ يۇرۇگۇدىن سۆيمەمدۇ.
بۇ ئىشىڭنى ئاڭلىسا دۇشمەنلىرىڭ كۇلمەمدۇ،
چۇشەنمىدۇق ياتلارنىڭ ساڭا شۇنداق تاتلىقمۇ.
ئۆلۇپ كەتتىم نۇمۇستىن بۇلگەن چاغدا ئىشىڭنى،
تەنبى بەرسەم مىشىلداپ تۆكۇپ تۇردۇڭ يىشىڭنى.
سىلكىۋەتكىن ئەي قىزچاق،ئاشۇ قاپاق بىشىڭنى،
يار لىۋىدىن ئىتىڭنى،ئارقىسىغا تاتتىڭمۇ.
2009-يىل-1-3 كۇنى غۇلجا
ئەسكەرتىش: يۇقارىقى شېئىرنى يازغان دوستۇم ئەخمەتجان ئەپەندىمنىڭ تەلىۋى بويىچە مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى، لېكىن بەزىلەرنىڭ بۇ گەپ سۆزلەرنى ئۆزىگە ئىلىۋالماسلىقىنى ھەمدە توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ئۈمىد قىلىمەن.