|   | 
					 
					
						
						
						
						
							
								
| ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. |  | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. |  | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. |  | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. |  | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. |  |
  
 | 
							 
						 
						 | 
					 
					
						|   | 
					 
				 
			 
			 | 
			
			
				
					
						|   | 
					 
					
						
  						
							
								| 
								 
								  |         |  
							
						 
						
							
								| 
								      
 
 | 
 
| 
 باغدا .ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇي ھىدىدىن ،بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەقىقى گۈزەلىكىنى ،ساپ مىھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق تالاي ئەللەرنى تاڭ قالدۇرغان ،تاشقى گزەللىكنى چوڭ بىلمەيدىغان ھەر زامان ئىچكى گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ،سىرىتقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ تەبىي سىماسى كۆردۈم .
                                                          خۇشپۇراق ئېچىلغان گۈللەر بەرگىدىن ،                                                              كۆردۇممەن ئۇيغۇرنىڭ نازاكەت قىزىنى . پاك – غورۇر ۋىجدانى يۈلەك بولغاچقا ، تۆكمەيدۇ ھەر قاچان ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى .
  بۇلبۇلار خەندانە سايرىسا گۈلگە ، توختىماي يالتىرار شەبنەم بەرگىدە . ھەقىقى جەزبىدار قىزلىرىمىز روھى ، تائابەت ساقلانسۇن ئەلنىڭ قەلبىدە .
  تاغ باغرىدا قىران ئۆسكەن قارغايلاردىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جەسۇرانە قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ،قەلبىگە ئۇلۇغ غايىلەرنى پۈكۈپ باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە ئىشەنمەستىن كۆزلىگەن نىشانىغا غالىپلارچە ئالغا ئىنتىلىدىغان سۇنماس ئىردىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
  بەزىدە قارغايدەك قالسىمۇ سۇسىز ، كۈلۈشتىن ئۆچ كۈرەر يىغلاشنى يامان . ئازاپلار سالسىمۇ ئۈنسىز – چۇقانلار ، بىر ئارمان قەلبىگە پۈكۈلگەن ھامان .
  چىداملىق بابىدا قارغايغا تەڭدۇر ، تارىخقا پۈكۈلگەن بۇ بىر ھەقىقەت . گاھ بوران چىقسىمۇ توختىماي سىناپ ، ئۈكۈنۈپ بىراۋدىن تىلىمەيدۇ شەپقەت .
  ھەرىلەرنىڭ گۈل چاڭلىرىنى يىغىپ ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىش روھىدىن ،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ،پۈتۈن ئۆمرىنى باشقىلارغا بېغىشلاپ ھاردىم – تالدىم دىمەستىن ئۆزگىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلدىغان ، ئۆزى ئاچ – توق يۈسىمۇ باشقىلاردىن تاپقىنىنى ئاييىمايدىغان ئۆز جاپاسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۈلكىسىن كۈردىغان ئەمگەكچان،سېخى روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
  ئاچ قېلىپ بەزىدە كەيسىمۇ دۇدۇل ، ئىسىگە ئەڭ ئاۋال كىلەر ئۆزگىلەر  . جاپانىڭ تېگىدىن قازغاچ ھالاۋەت ، قەھىرتان قىشنىمۇ باھار دەپ بىلەر .
  سۇنۇلغان قوللارنى ياندۇرماي پەقەت ، قەلبىگە ياردەم ھەم نىجاتلىق پۈكەر . ھەرىلەر روھىنى قىلغاچ قىبلىگاھ ، تىلىدىن ھەسەلدەك شەربەتلەر تۈكەر.
  ئەتىگەندە كائىىتاتقا ئىللىق نۇرىنى چېچىپ چىققان قۇياشتىن ،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىق ،شەرمى – ھايالىق باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەيدىغان ،باشقىلارغا يامان كۆزدە قارىمايدىغان ،بارلىق كىشلەرگە مىھىربانلىقىنى چېچىپ تۇرردىغان ،خۇشىۇي مۇئامىلىسى بىلەن كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن قەلبى نۇرلۇق ئۇيغۇرقىزلىرىنىڭ ئىللىق سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
  چىھرىدە قۇياشنىڭ نۇرلىرىمۇ بىخ سۈرگەچ ، سالام – سائەت ،ھايانى ئۇنۇتمايدۇ ئۇگەنگەچ . قەلبى ھىجران دەرىتلەرگە چۈمۈپ كەتسە بەزىدە ، قۇياش بۇلۇپ پارلايدۇ ،زىمىستانمۇ ھەمدە كەچ .
  مەن تىلەيمەن سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىنىچلىق ،  تىنىڭلارغا سالامەت ،ھەمرا بولسۇن ھەم ساقلىق  . ئىلىم پەندىن ھەر قاچان تېپىپ يەنە كۆپ بايلىق ،  دىلىڭلاردا خۇشاللىق جىلۋىلەنسۇن ھەم شاتلىق .   | 
 
 
|          كۆرۈلۈشى:1827 |      قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-25 18:09:52 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |  
 | 
							 
 
  						
  						
							
								| 
 |         |  | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |  
							
						 
     					
							
								
								
| سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. |  | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. |  |
  
 | 
							 
						 
     
						
					
					
						|   | 
					 
				 
			
			 | 
		 
	 
 
		
		 |