Article Center - ماقالە مەركىزى - يولدىن چىققان بىر قىزنىڭ ئىقرارنامىسى [پۇل كېرەك]
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


يولدىن چىققان بىر قىزنىڭ ئىقرارنامىسى [پۇل كېرەك]

ئەگرى يولدىن يىرگىنىپمۇ كەتمىدىم.
ئەدەپ-ئەخلاق، ئىپپەتنى دوست ئەتمىدىم،
ماڭا ئىپپەت كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(2) دوست بولۇشنى خالىسىڭىز دوست بولاي،
گاھى قاتتىق، گاھى يۇمشاق-بوش بولاي.
ئارزۇيۇمنى بىلىپ قويۇڭ، خۇش بولاي،
ماڭا ئادەم كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(3) ئۆزىڭىزنى كۈن ئارىلاپ چىللايمەن،
ئۆزگىلەرنى ئانچە كۆزگە ئىلمايمەن.
سوۋغىڭىزنى پۇلغا ھىساپ قىلمايمەن،
سوۋغا-سالام كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(4) پۇلنى كۆرسەم مەن بەك ئوماق، مۇلايىم،
پۇل بولمىسا ئىچىلمايدۇ چىرايىم.
پۇلى يوقنى كۆرسەتمىسۇن خۇدايىم،
قۇرۇق سۆلەت كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(5) گىرىم بىلەن ئىلان يىزىپ يۈزۈمگە،
جەلپ قىلىمەن خىرىدارنى ئۆزۈمگە.
ھىجىيىمەن كىم قارىسا كۆزۈمگە،
شەرمى-ھايا كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(6) پۇلى بارلار ياخشىمۇسىز؟ دەپ تۇرار،
ئويناپ-كۈلۈپ يانجۇقۇمنى تولدۇرار.
پۇلى تۈگىسە شاگاڭ بولۇپ ئولتۇرار،
نېسى ئوقەت كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(7) بۇ ئوقىتىم نەپ بەرمەكتە بارغانچە،
كىرىمى كۆپ، چىقىمى يوق ھېچقانچە.
پېشانەمدىن تەر چىقمايدۇ بىر تامچە،
ھالال ئەمگەك كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(8) بالدۇر ئاغزىم يۈگۈرمەيتتى يالغانغا،
ئەمدى نوختا سالالمايمەن تايغانغا.
ھېيلىدىن دەرس بېرەلەيمەن شەيتانغا،
سەمىمىيەت كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(9) تۇتۇرۇقسىز ۋەدەم تولا كارامەت،
يۈزلىشىپمۇ بولمىدىم ھېچ خىجالەت.
مەندىن ۋاپا كۈتكەن كىشى ھاماقەت،
ۋەدە-ۋاپا كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(10) مەغرۇرلۇقۇم يۈرۈكۈمدە قاينايدۇ،
شۇڭا مەندە كۆڭۈل ئاياش بولمايدۇ.
ئازارىمغا چىدىغانلار ئوينايدۇ،
كۆڭۈل ئاياش كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(11) مېنى دىلبەر چاغلىسىمۇ بېرىم شۇ،
چىن مۇھەببەت باغلىسىمۇ بېرىم شۇ.
دەر گاھىدىن قوغلىسىمۇ بېرىم شۇ،
چىن مۇھەببەت كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(12) ھۇزۇرۇمنىڭ بەلگىلىگەن نەرخى يوق،
كونا-يىڭى دوستنىڭ ماڭا پەرقى يوق.
قەدىناس دەپ پۇل بەرمەسكە ھەققى يوق،
قەدىناسلىق كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(13) ئىسراپچىلىق كىمدە دېسە، مەندە بار،
ئالتە ساندۇق كىيىم-كىچەك جەندە بار.
بايلىقىمنىڭ دەسمايىسى تەندە بار،
ئاياش-تەجەش كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(14) تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چىكىمەن،
دوستلار بىلەن ھاراق-شاراپ ئىچىمەن.
غەرق مەست بوپ ئار-نومۇستىن كىچىمەن،
ئىزا-نۇمۇس كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(15) بۇ مەھەللىدە ئازايغاندا چۆپقىتىم،
ئۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەتتىم كۆپ قىتىم.
ھەممە يەرنى بۇلغايدۇ بۇ ئوقىتىم،
مۇقىم ماكان كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(16) خالى ئەمەس مەنمۇ ئۇرۇش-جىدەلدىن،
غەم قىلمىدىم داۋاسى يوق كىسەلدىن.
بۇ ئوقەتنىڭ يولى شۇنداق ئەزەلدىن،
غەم-ئەندىشە كېرەك ئەمەس پۇل كېرەك.

(17) يىگىرمىدىن ئاشتىم تېخى ئەرسىز مەن،
ئەر تاللىماي ئوينايدىغان بىر قىز مەن.
ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان يۈزسىزمەن،
ئەقىل-ئىدراك كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(18) مەن بىلمىگەن قاغدالمىلىق قالمىدى،
مەن قىلمىغان رەسۋاچىلىق قالمىدى.
ۋىجدانىمدىن بىر تال تىرىق قالمىدى،
ۋىجدان، غورۇر كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(19) نەسىھەتتىن بىزار بولدى قۇلىقىم،
ئاڭلىساملا كېلىدىكەن غىدىقىم.
تۈزەلمىدى شۇڭا مىجەز-قىلىقىم،
ۋەز-نەسىھەت كېرەك ئەمەس، پۇل كېرەك.

(20) سۆزلەپ بەرسەم كەچمىشىم كۆپ ھەم ئېغىر،
يازدىم شۇڭا ئىچىم قايناپ بىر شېئىر.
كەچمىشلىرىم ۋۇجۇدۇمنى قىلدى كىر،
بېشىم قاتتى، ماڭا قايسى يول كېرەك؟

(21) مېنى يولدىن چىقاردى بىر جادۇگەر،
مۇشۇ يولدا چىرىكلەشتىم شۇ قەدەر.
ئويلاپ باقسام ئىستىقبالىم بەك خەتەر،
ئەمدى ماڭا بىر نىجاتكار قول كېرەك.
***********************************
ئازغۇن قېزىم، خاراپ ئىكەن ھالىڭىز،
ئۆچەي دەپتۇ گۈزەل ياشلىق شامىڭىز.
ساۋاق بولسۇن، مۇشۇ ئىقرارنامىڭىز،
جەمئىيەتكە ئەخلەت ئەمەس، گۈل كېرەك.
***********************************
كىچىكىمدە ئامراق ئىدىم كەمپۈتكە،
شېرىنلىكتە تەڭ قىلمايتتىم ھەممىنى.
نىمىشقىدۇر ئەمدى كەمپۈت يىگۈم يوق،
تېتىغاچقا لەۋلىرىڭنىڭ تەمىنى .

         كۆرۈلۈشى:2742     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-25 18:08:57يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:قىز-چوكانلار دىققەت !
كېيىنكى ماقالە:ئۇيغۇر قىزى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号