|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
كەت
بەك ئۇلۇغ بەختتە ئۆلۈپ كەتكەن كۈن ، تىڭشىدىم ناخشاڭنى ، كىردىم قەلبىڭگە . قارىغىن نەرىكەس توزۇپتۇ بىر-بىر ، تېز كەتكىن...!! سورىماي!! كەتكىن قەبرەڭگە .
كەتكىن تېز... ئېزىقىش ئازابلار مېنى ، ئۇ كۈنى كۆيىدۇ لەختە-لەختە قان . مەن قالاي يىغلىغان يۈرىكىم بىلەن ، ئاققان ياش.. . ئاققان تەن.. . كۆيگەن ئۆتمۈشنىڭ.. . بەختىدە ياشاپتۇ دېگىنە مېنى .
مەن قالاي يەنىلا تەنھا قەلبىمدە ، ئاق يىلان ئۈزگەن شۇ بۇلاق بويىدا . يۈرىكىمنى يىرتىمەن بىر-بىر ، مەن ھامان قايتىمەن قاچقان ئۆيۈمگە .
كەت.. . تەنھالىق يەنىلا قىينىسۇن مېنى ، مەن يەنىلا قايتىمەن ئۆيگە . لەپىلدەپ چۈشكەن شۇ ناپاك قارلاردا.. . يەنىلا تىتىلىپ سېغىندىم سېنى ، يەنىلا سېغىندىم پەقەت ئۆزۈمنى . 2000-يىل .
تاش چېچەك ئازابنى تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كەت جېنىم ، بەختلىك كۈن پەسلى چىللار ئۆلۈمگە . شۇ كۈنى كۆزىگە ياش ئالغاندۇر كىم،؟ بىز ئۈچۈن قىيامەت چۆلسىز مۇساپە .
يول باسساق ئېگىز-پەس بولىدۇ تاتلىق ، ئېھ!! ھايات سېنىڭدىن تاش تىلەيمەن تاش . زەخمەك ئۇر ئازابىم يارنىڭ بېشىغا ، يۈرىكىم خۇن بولۇپ ئاقسۇن كۆزىدىن ياش .
تىترىسۇن يەر-جاھان تاشنىڭ قىنىدا ، شۇ كۈنى دېسۇن يار ئەجەب ۋاپادار . سېنىڭدىن ئوت تىلەپ يۈرسەم ئەي دۇنيا ، سىنالسۇن ئاشىق دەپ قۇرۇپ قويدۇڭ دار . 2003-يىل .
قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ قالسام گەر
قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كەتسەم گەر ، بىر قەدەھ ئازابنى تېتىپ بولۇپلا . «ساراڭ ئۇ» دەيسەن-دە شۈركىنىپ تۇرۇپ ، بىلمەيسەن ئۆلدۈم مەن بۈيۈك ئازابتا .
قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كەتسەم گەر ، بىر قەدەھ بەختنى تېتىپ بولۇپلا . «ھاكاۋۇر» دەيسەن-دە ، تېتىلىپ تۇرۇپ ، بىلمەيسەن ئۆلدۈم مەن ساڭا ئاتاپلا .
قاراڭغۇ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كەتسەم گەر ، ھېچ كىشى كۆرمىسە قاتتىق سوغۇقتا . سەن دەيسەن — «ئۇ شۇنداق مۆرىمەس بەندە» ، مەن شۇنداق ئۆلمەكچى ئاستا... بەك ئاستا . 2004-يىل .
مەستلىك مۇختار بوغرا «گىرت-گىرت»... كەستى قايچا تېنىمنى ، تىكتى يەنە كونا كەشنى تىككەندەك موزدۇز . ھايات نۇرى چاقنايدۇ سۇنۇق ئەينەكتە ، ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ياتىمەن يالغۇز .
بىلدۈرۈپ قويغاندەك يۈرەكلىكىمنى ، ئىسقىرتىپ بارىمەن قەبرىستان ئارا . مەستلىكتىن يېشىلسەم ئېغىرلاپ قاپتۇ ، روھىمغا ئۈنگەن جاراھەت-يارا . 2003-يىل 8-ئاي شەھىرى ئۈرۈمچى
سۆيگۈسىز كوچا خۇرسىنمايدۇ كوچا چىرىغى ، ئاشىقلىققا تېپىلماس ئىسپات . خەرىتىدەك تۈپتۈز كوچىدا ، ئۆتۈۋاتقان تۈپتۈزلا ھايات .
ئوخشاش بىنا ، ئوخشاش دەل-دەرەخ ، قەدەملەردە بىر خىللا رىتىم . تۇرمۇش ناملىق ئېگىز بانكىدا ، ئوخشاش كىرىم ئوخشاشلا چىقىم .
ئىش تېپىلماس پايلاقچىلارغا ، بۇ كوچىنىڭ لۈكچەكلىرى يوق . دىۋانىلەر تاۋكا تۈزەلمەس ، باغچىلاردا بىكار ئورۇندۇق .
بىر چاغدىكى غالجىر ئىتلارمۇ ، يول بويىدا ئالار شېرىن دەم . ۋىسال قۇچتۇق دەپ ئويلار دىللار ، ئۇچرىمايدۇ ئادەمدەك ئادەم . 2003-يىل 9-ئاي شەھىرى ئۈرۈمچى
ئەنسىرىمە (ئايالىم شاراپەتكە پىچىرلاش) قايتىپ كەلدىم سەكرات ئالدىدىن ، ھاياتلىققا قادالدىم مىختەك . دانە-دانە بولدۇڭ شاراپەت ، قېرىنداشلار سەرسان پايپېتەك .
ئۇنتۇلغاندەك جىمىكى شادلىق ، ھەممە ئازاب ماڭا يېپىشتى . ئەمدى بوغرا ئۆلدى دېگەندەك ، رەقىبلىرىم قانات قېقىشتى .
كۈن چۈشكەندە ئادەم بېشىغا ، دوست ، قېرىنداش ئىكەن بىرلا گەپ . يېقىن كەلسۇن ئابلىكىم كەلكۈن ، چاقچىقىنى سېغىندىم ئەجەب .
رىزقىم بولغاچ قېرىنداش ھەم ، يەپ كەتمىدى تۈگمەن كويلىسى . ئەنسىرىمە ، جېنىم شاراپەت ، تاسقاپ قويدى ھايات چويلىسى . 2003-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى شەھىرى ئۈرۈمچى
5-پەسىل ئالدايدۇ ھەممىنى ئەتىياز پەسلى ، كۆكۈش نۇر تارقىتىپ غىل-پال ناز بىلەن . باشقا زىرائەتلەر ئاپتاپپەرەسنى ، كۈنلەيدۇ چاتىغى بار دەپ ياز بىلەن .
سالساق قىزىمىزنى كۈز ئاپتىپىغا ، كېلىنلەر ئاچچىقتىن كېتەر قارىيىپ . قىش ، ئاجىز تەنلەرگە سانجىيدۇ نەشتەر ، قاپاقتىن مۇز ياغدۇرۇپ ھەمدە ئالىيىپ .
مۇھەببەت ، يېشىل نۇر ، يېشىل دۇنياغا ، ئەكېلەر ئېھتىمال يەنە بىر پەسىل . ئۈلۈشكۈن ، تۈنۈگۈن ، بۈگۈنمۇ ئۆتتى ، كۈتۈش مەۋسۇمى ئەلۋەتتە ئېسىل . 2003-يىل 12-ئاي شەھىرى ئۈرۈمچى
ئىككى شېئىر ئەخمەتجان تۇرۇپ (بەگتۈرك) ھاياتنى چۈشىنىش ھايات ئۇنچە ئەمەس مېھرىبان ، كۆز يېشىڭغا پۈتمەس ھېچقاچان . كېچەلمەيسەن لېكىن مېھرىدىن ، مېھرى ئۇنىڭ سۈپسۈزۈك ئوكيان .
پەسىل ئۇۋا سېلىپ كۆزىگە ، لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلغان . چاقناپ تۇرغان زىبا تېنىدىن ، دەستە-دەستە نۇرلار چېچىلغان .
ئاپئاق چاچلىق قىز بولسىمۇ ئۇ ، شوراپ سۆيگۈڭ كېلەر ھەر زامان ، ئىشەن دېسەڭ كۆز ياشقا ئەمما ، كۆمۈپ قويار روھىڭنى خازان .
تاڭنى قۇچاقلاش قۇچاقلىساڭ تاڭنى شارابسىز ، قېنىڭ ئىچرە ھوۋلايدۇ بۆرە . قەلبىڭدىكى سۇنۇق ئەتىرگۈل ، مەتخۇشلۇقتىن بولىدۇ ئۆرە .
ئوت چاچرىتىپ تۇياقلىرىدىن ، تومۇرۇڭدا چاپىدۇ ئاق ئات . بالىلىقنىڭ شەھىرىدە قالغان ، قۇشۇڭ كېلىپ بېرىدۇ سوۋغات .
سەن ئۇنتۇغان قەدىمىي ئورمان ، توۋلايدۇ: «كەل ، كەلگىن بالىجان!» پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ ھەممە ، سېنىڭ بولۇپ قالىدۇ جاھان . |
كۆرۈلۈشى:1206 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-25 18:05:40 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|