گەردەنكەشلىك ھىچ كىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئوزى كىلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۇنى،
ئات بولغىچە ئاساۋتاي ھەريان چاپسا بولمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۇنى،
ئاقنى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۇنى،
بۇگۇن پاتماي يۇرگەنلار كۇچىلارغا تۇن بويى،
چىللىسىمۇ تويلار غا جىم ياتىدۇ بىر كۇنى،
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۈزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ نان ياقىدۇ بىر كۇنى ،
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۈي تۇتۇپ ئۈي باقىدۇ بىر كۇنى،
كۇندۇرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئوستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۇنى،
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەر لەپ ئات چاپىدۇ بىر كۇنى ،
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇرچاچسا،
يۇرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىركۇنى،
سەنمۇ ئاتا _ئاناڭنى ئوتكەن بولساڭ ئەزېزلەپ،
ئوغۇل قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۇنى،
شۇ ئىشلارنى كۇرەلمەي ئۇلۇپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۇل تاقايدۇ بىر كۇنى،
يامان دىسەڭ بالاڭنى كىم بىرىدۇ ياخشىسنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەس قاتىدۇ بىر كۇنى،
ئاپتورى مۇھەممەتجان راشىدىن.