بىرىپ كەلدىڭ ھەرەمگە،ئالغان ئىدىڭ ساۋاپنى ،
ھەق ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى،ئادا قىلدىڭ پەرىزنى ،
قۈچاقلىساق سىنى ھەم تەبرىكلەيتتۇق ھەممىنى ،
گۈناھىڭنى پاكلىغان،تاپقان ئىدىڭ ئىماننى .
سىنى بۈگۈن >>ھاجى<<دىدۇق ،
ئۇيىمىزنىڭ >>شاھى<<دىدۇق ،
كىرلىپ كەتتى مەيدىللىرىڭ ،
يۇرتىمىزنىڭ>>داھى<<دىدۇق .
كىرسەڭ ئەگەر مەسچىتكە ،ئورىۋالدىڭ سەللىنى ،
چىقىپ كىتىپ مەسچىتتىن ،قىلدىڭغۇ ماناھەممىنى،
ئالغان چاغدا ھاراقى ،چۆرىۋەتتىڭ ئىماننى ،
قۇرۇقمىدىڭمۇ ئەي ئىنسان ،كۆرمىدىڭغۇ قۇرئاننى .
مۇناپىق ھەي ئىنسان ،نەرىڭ ئوخشارھاجىغا ،
نەسەبىڭنى كولىتىپ ،ئورنىۋالساڭ تاجىغا ،
ئەينەككە بىرقاراپ باق،ئىچ ئاغرىيدۇھالىڭغا ،
نەچچەكونلۇك جاھان بو ،تويامدىكىن دۇنياغا .
پۇتلىشىپتۇ رومكىغا ،ئوزۇن ئاپئاق ساقىلىڭ ،
ئەتراپىڭدا پىرقىراپتۇ ،چوكان-چوكان مالىيىڭ،
جازايىڭنى بەرمىسە ،يوغىناپتۇ شەيتىنىڭ،
بارمىدۇ ھازىرمۇ ،ئوينىغىدەك مادارىڭ .
ساڭاشۇنداق نەسىھەت ،ئىمانىڭنى تىپىۋال ،
خاسىيەتلىك ئىماننى ،باغرىڭغاچىڭ يىقىۋال ،
ھاجى دىگەن نامنى ھەم ،ئىمانىڭنى پاكلىۋال ،
ئىزدەپ يۇرۇپ ساۋاپنى ، ياخشى ئەمەلنى قىلىۋال .
ئاپتۇر : ئېكرام(ئابدوسەمەت)ئوسمان