باشلىنار دۇشەنبە باشلىنار ھەممە ،
ئۇيقۇلۇق ھەرسەھەر كۆزلەر خىرامان .
يۇزلەرنى سۇيسىمۇ ئىزغىرىن شامال ...
<شوربۇلاق > پۇرايدۇ ئىغىزلار ھامان .
سەيشەنبە باشلىنار سىغىنىش يانار ،
لەۋلەردە ئۇمتۇلۇش سۆيۇملۇك تىلەك .
مۇڭلانغان جۇپ كۆزلەر مۇنبەردە <ئاقباش>،
ئايلىنار ئالۋۇنلار ئىچىپ كەڭ ئېتەك .
باشلىنىپ چارشەنبە مۇزلايدۇ ھۇجۇد ،
ھەم تەڭلا چىقىراپ سىكا مۇ ؟ قورساق .
تىپىلماس سىنىپتىن ياتاقتىنمۇ ھەم ...
قورسىقى لىق تۇيغان كۆزلىرى ئويغاق .
پەيشەنبە چىللايدۇ سەھەردە توخۇ،
لەيلەيدۇ ياتاقتا ئاچچىق تاماكا .
سىتودىنىت ياتىدۇ ئۇيقىسىز ئۇزاق ...
خىياللار بىر جەڭگاھ تىنىچ <ئاتاكا>.
پارلايدۇ دىرىزە تۇۋىدە قۇياش ،
باشلىنىپ شوخ تانسا جۇمەدە ۋىسال .
سەكرەپ تۇرمايدۇ سەھەر كەلگەن پۇل...
شاتلىنىپ تىنمايدۇ سىتودىنىت خوشال .
ئۇيقۇچان ياتار ، ياتار ھەر شەنبە ،
جىرىڭلاپ توختىماس پەقەت تىلفۇنى .
قۇياشمۇ ئۆرلەپ يىشىلگەندە چۇش ،
تاپالماس سىتودىنىت ئاياغ چوتكىسى .
يەكشەنبە باشلىنار تەكرار ۋە تەكرار ،
شاتلىنىپ ھەر قەدەم قاۋاق تۇۋىدە .
يەكشەنبە چىللايدۇ :
كەلسەڭچۇ تىزراق !
دۇشەنبە نازلىنىپ نۆلنىڭ كۆزىدە ...