ئايدىڭ كەچلەردە ئايلىنىپ باغنى،
بىغىمدىكى گۈللەرگە ئوخشاتتىم سىنى.
بىغىمدىكى گۈللەرنىڭ، سەرخىلى قىزىلگۈلدۇر،
سۆيۆملۈكۈم سەن مىنىڭ، كۆڭلۈمدىكى يايرىم.
قىزىل گۈلنى ئۈزىمەن دەپ، قولۇمنى ئۇزارتقاندا،
لىكىن باركەن تىكىنى، كىرىپ كەتتى قولۇمغا.
ئۈزۈپ ئالدىم پەم بىلەن، ئىچىلغان قىزىل گۈلنى،
قىزىل گۈلدەك بولسۇن دەپ، ئويلاپ قالدىم كۆڭلۆڭنى.
قىزىل گۈلنىڭ پۇرىقى، ھەممە گۈلنىڭ زىننىتى،
قىزىل گۈلنىڭ بەرگىسى، ھەممە گۈلنىڭ ئەركىسى.
قىزىل گۈل ئۆسەر باغدا، ياۋا گۈل ئۆسەر تاغدا،
قىزىل گۈل بولاي دىسەڭ، ئۆستۆرگىن قىزىل گۈلنى.
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15- كۈنى
ئابلەت ئوسمان