كەتتىڭ جانىم مىنى تاشلاپ،
قەلىپتە قالدى تۈگىمەس ھەسرەت.
ئۆتكەن كۈنلەر قايتا كەلمەيدۇ،
يۈرەكتە قالدى نۇرغۇن جاراھەت.
سەن كەتكەچكە يانىمدىن،
كىچىلەرى ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
سەن بىلەن ئۆتكەن شىرىن كۈنلەر،
پەقەت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
كەتسەڭمۇ جانىم مىنى تاشلاپ،
ساڭا ئەقىدەم بار مىنىڭ.
ساڭا بولغان مۇھەببىتىم،
مەڭگۈ شۇنداق پاك مىنىڭ.
كەتسەڭمۇ گەر يانىمدىن،
سىن ئەسلەپ تۇرارمەن.
سەنلا بەخىتلىك بۇلالىساڭ،
شۇندا خۇشال بۇلارمەن.