(نۇرمۇھەممەت مۇھەممەتئىمىن قاراساي)
يازماقچىمەن تورداشلار ،ئۇقۇپ بېقىڭ بىر غەزەل
تۆلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ ، مىللەت ئۈچۈن زور بەدەل.
بىللە يىسە «غۇرا»نى تېتىيدىكەن قەن-ھەسەل،
تەڭ تارتايلى بۇ دەرتنى،بىز،ھەممىز جەمئىيەت.
قاراپ باقسام جاھانغا،ئادىل ئىكەن سىياسەت،
ئىنساپ قالماي خەقلەردە،ئـۆزگەرمەكتە قىياپەت.
قۇياشقىمۇ،ئايغىمۇ ،چۈشۈپ قاپتۇ جاراھەت.
ئىنساپسىزنى كۆپەيتىپ ،بىزنى بۇزغان جەمئىيەت.
نەچچە قىزلار« مودا»دەپ ،ئۇچۇق قويدى مەيدىنى.
«نىيۇزەيكۇ»لار پاتمىسا ،يىرتىپ كەيدى كەينىنى.
قاۋاقلاردا ئىچىشىپ ،كۆرۈپ«سېرىق دەي » لىنى.
سېرىق قىلىپ قىزلارنى ،بۇزۇۋەتتى جەمئىيەت .
ئۇچۇر دەۋرى دەپ يۈرۈپ ،ئۇچۇرۋەتتۇق كوپتىنى ،
خۇددى كالتە ئىشتاندەك ،كىيىۋالدۇق يوپكىنى.
ئېسىۋالدۇق مۆرىگە،ھەرخىل رەڭلىك سومكىنى،
رەڭسىزنى رەڭلىك قىلىپ ،بىزنى بۇزدى جەمئىيەت .
ئۇتتۇرۋەتتى نەچچىسى، خۇتۇنىنى« دو » تىكىپ،
خاراپ بولدى نەچچىسى ،ئىچكىرلەردە ئاق سېتىپ ،
چىكىپ تۇرۇپ نەچچىسى ،قاپتىمىش شامدەك قېتىپ .
ياشلارنىمۇ ياشارتماي ،بۇزۇۋەتتى جەمئىيەت .
ئېغىز ئاچسا ھايادىن ،خۇراپىي دەپ تىللىدۇق ،
چىرايلىقنى ھەمممىز،رىستۇرانغا چىللىدۇق .
چىرايلىقنىڭ ئىچىدىن ئەڭ «مودسىنى»خىللىدۇق ،
ھايالىقنى ھايۋاندەك،قىلىپ قويدى جەمئىيەت .
ئەر-ئايالدا ئەسلىدە ،«نىكاھ»دىگەن ئامانەت،
ئامانەتكە نەچچىمىز، قىلمىدۇقمۇ خىيانەت.
پاھىشەلەر كۆپىيىپ ،ئۆتكۈزمەكتە جىنايەت،
سەبى كىچىك قىزلارنى،بۇزۇۋەتتى جەمئىيەت .
ئۆرۈك دىدۇق بەزىمىز ،چىچەكلىگەن غۇرىنى.
«سېغىز »دىدۇق بەزىمىز، قىزلار يىگەن دورىنى .
داخانلارغا ئۇقۇتتۇق،خېلى ئۇزۇن «سۈرىنى».
ئاخۇنلارنىڭ يۈزنىمۇ ،تۆكىۋەتتى جەمئىيەت .
مۇسۇلمانغا ئەزەلدىن،«زىنا »بار دەپ كىم دەپتۇ ،
قىيامەتنىڭ غېمىنى ،ئېيتىپ بېقىڭ؟ كىم يەپتۇ .
«ئاخىرەتتىن تىرىلىپ ، ھازىر غىچە كىم كەپتۇ»،
ۋىجداننى ۋە ئىماننى ، بۇزۇۋەتتى جەمئىيەت .
بۇزۇۋەتتى جاھاننى، نەچچە باشلىق پارە يەپ،
خىيالىغا كىرمەيدۇ،كىم سايلىدى بىزنى دەپ.
ئېتىۋەتسە ھۆكۈمەت،مېڭىسىنى نەق چەنلەپ،
پارىخۇرلار يۇقالسا،تۆزىلەتتى جەمئىيەت.
كۈندە كۆردۇق ئىلاندىن،ئىخلاس،ئارمان شىركەتنى،
مۇسۇلمانغا ئاللامۇ بىرىدىكەن بەركەتنى.
يۇقاتمايلى بىز ھەرگىز،ۋىجداننى ۋە ھۆرمەتنى،
يول تاپقانغا يول بەرسۇن،ھەم توسمىسۇن جەمئىيەت.
يېزىپ قويدۇم تورداشلار ،ئاز-تۇلا شېئىر-قۇشاق،
يىنىكلەيدۇ ھەسرىتىم،توردا مۇڭدىشىپ تۇرساق.
شۇڭلاشقىمۇ مەن تېخى،توي قىلمىغان بىر بويتاق،
توي قىلىمەن بىر كۈنى ،ئوڭشالغاندا جەمئىيەت