چۈشۈمدە سۆزلىدىم چۈشۈمنى
ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى
چۈشۈمدە سۆزلىدىم چۈشۈمنى
ئېسىمدىن ياغماقتا يامغۇرلار
تۆشەكلەر ھۆل بولغان نەپەستە
قېنىمنىڭ تىلىدا يالقۇنلار...
چۈشۈمدە سۆزلىدىم چۈشۈمنى
ئۇچۇپسەن ھىممەتنىڭ كۆكىدە
سەن قونغان يەرلەردە ئوت قالدى
كۆكلىدىم تەشنالىق بېتىدە
چۈشۈمدە سۆزلىدىم چۈشۈمنى
ئاڭلاپسەن يىراقتىن ئۈنۈمنى
تاغلارمۇ توزۇيتتى چۈشەنسەڭ
سېنىڭسىز ياشىغان كۈنۈمنى...
مەنبە:كەڭ ساي مۇنبىرىدىن