ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ گەرچە، ئايرالمايمەن سۆيگۈمدىن زاكات،
لېكىن سېنى ئۇنىتالمايمەن. بېرەلمەيمەن ئۆزگىگە سۆيگۈ.
سەن بەرسەڭمۇ دەردنى قەلبىمگە، چىن ئەقىدەم، ۋاپا-ئىخلاسىم،
ئازاپلارنى مەن بېرەلمەيمەن. بىر ساڭىلا مەنسۇپتۇر مەڭگۈ.
قىلالماسمەن يۈرىكىمنى تاش، ۋاپاسىزلىق خەنجىرى بىلەن،
ئۆرتىسىمۇ باغرىمنى ھەسرەت. يۈرىكىمنى تىلساڭمۇ مەيلى.
سۆيگۈ تولغان ئوتلۇق يۈرەككە، چىن سۆيگۈمدىن ياساپ گۈلدەستە،
سىغدۇرماسمەن زەررىچە نەپرەت. مەن كۈتەرمەن مەڭگۈگە سېنى!
مەنبە: ئىلھاملىرىم 2010/6/5