مۇھەببەتكە بېرىپ خاتىمە،
ياندىم ئاستا كونا خانەمگە.
بىر چاغ ئېيتقان سۆيگۈ ناخشىسى،
ئايلىنىپتۇ ئېغىر ماتەمگە.
سېنى سۆيگەن بولسام تۆنۈگۈن،
شەرتلىرىڭگە كۆنمىدىم بۈگۈن.
شەرت قويامسەن مۇھەببەتكىمۇ؟
ئارىمىزغا يېتىپ كەلدى تۈن.
ئارام ئالاي سوغۇق كارىۋاتتا،
ياستۇقۇمنى مەھكەم قۇچاقلاپ.
سېنى سۆيگەن لەۋلىرىم بىلەن،
ساپ مۇھەببەت قىزىنى ساقلاپ...