|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا
|
|
|
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا، قانات قېقىپ يايرايدۇ خىيال. قۇچاق ئاچار چۈشسىمان دۇنيا، تىلەپ ئاشىق يۈرەككە ۋىسال.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا، بېسىپ كەلگەن يوللىرى لەخمە. قۇچقان شېرىن ھاياجان ئارا، ئەشمە كۆلدەك كۆرۈنەر زەخمە.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا، مۇڭلۇق ناخشا ئاڭلىنىپ تۇرغان. ئاتەش كۈيلەر بالقىغان نۇردەك، جانلار تويلۇق بەزمىسى قۇرغان.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا، ئەسكەن لەرزان ئىزغىرىن شامال. كەلگەن سۆيۈش، سۆيۈلۈش پەيتى، ئېچىپ بەخت جىلۋىسى جامال.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا، گۈللەر تولۇپ ئېچىلىپ كەتكەن. باغرى قانغا بويالغان بۇلبۇل، خەندان ئۇرۇپ مۇراتقا يەتكەن.
كۆڭۈل دېگەن رومانتىك داچا، تەنلەر جۇشقۇن پەرۋازغا كىرگەن. نەگە بارار گۇناھتىن قېچىپ، شۇنچە بالدۇر ئۆرۈلۈپ تىرگەن؟!.. |
كۆرۈلۈشى:3111 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-5-15 17:51:12 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|