دىلبەر ئىدىڭ سەن
تىلىمغا بى نېسىب شېكەر ئىدىڭ سەن،
لېۋىمگە تاممىغان كەۋسەر ئىدىڭ سەن.
پىشانەم ئاپتىپى تاپقاندا زاۋال،
جىلۋەڭنى ئايىغان ئەختەر ئىدىڭ سەن.
ۋىسالنىڭ قەلئەسى ئۈستىدە بايراق،
ھىجراندىن كۆكسۈمگە خەنجەر ئىدىڭ سەن.
كەلتۈرسە تۇمشۇققا جاننى خۇمارىڭ،
ئەرەبتەك يىراقتا ئەنبەر ئىدىڭ سەن.
جىلۋىگەر جېنىڭدا جاللات خۇيى بار،
باققاننى ئۆلتۈرگەن دىلبەر ئىدىڭ سەن.