|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ
|
|
|
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، ئېيتقان ئۇنى ئاشىقلار كۈنۈپ. ۋىسال پەيتى لەززەتلىك قىسقا، چىققان شېرىن سۆزلەردىن ئۈنۈپ.
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، تەمى يەرلىك شىۋىدەك تاتلىق. يېڭى ھايات باشلىنار سەرخۇش، كېلىپ تەلەي يىراقتىن ئاتلىق.
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، شورلۇق قىسمەت باغرىدا ياتقان. يارنى دەپلا ئۆرتىنىپ كۆڭۈل، ئۇزۇن تۈندە قوشاققا قاتقان.
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، ھەركىم بىلگەن پەدىگە چالغان. ئوتلۇق كۈيلەر ياڭرىتىپ ئۇزاق، كوچا-كۇينى لەرزىگە سالغان.
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، ئۆرلەپ تۇرغان مۇڭىدىن پىراق. بولۇپ نازۇك بارمىقى يارا، تاشلاپ كەتكەن بىراۋلار يىراق.
سۆيگۈ دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، بارى ئەبجەش تۇيغۇدىن پۈتكەن. ھىجران دەردى بولسىمۇ ئاچچاق، ئەمما، شېرىن لەززىتى كۈتكەن.
مەنبە:ئۇچۇر تورى
2010-يىلى 13-ماي |
كۆرۈلۈشى:3937 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-5-13 17:57:34 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|