ئايال !
سەن ۋاپاغا لىق تۇلغان دۇنيا
بىۋاپا ... دەپ ئاتىشار لىكىن
سىنىڭ بىلەن شاد بوپ كۈلگەنلەر
شۇڭا ئۇزاق ئەسىر- ئىېرادىن
ئىنساپسىز !
دەپ ئاتالغان ئۇلار
ئايال !
سەن پەرىشتە نۇردا يۇيۇنغان
بىراق - نامىڭ
شەيتان !
ئىزىتقۇ !
ئۇلار ...
شۇ نۇر كەبى سۈتۈڭنى ئىمىپ
ساغرىسىنىڭ تىرىسى بىلەن
قىزىل رەڭلىك يۈزىنى يىپىپ
گۇناھلارغا قاتمۇ - قات بوغۇلغان
ئايال !
سەن بىر ئوكيان ئاچچىق سۈيى بار.
ئەلەم بىلەن تۆككەن كۆزيىشىڭ
ئۈچ ئوكياننى قىلغان تەۋەللۇت
ئايلانماقتا ئۆكسۈپ ،
ئۇھسىنىپ ،
يەتتە قىتئە قوشۇلغان دۇنيا .
ئايال !
سىنى شۇنداق ياراتقان خۇدا .
ھەربىر كىلىتكا - ھۈجەيرىلىرىڭ
باشقىلارنىڭ جىنىغا پىدا !
ئازازۇلنىڭ دۇستى ئاتىلىپ
ئادەملەرنىڭ گۇناھى بىلەن
بۇلغانغان ساپ
غۇبارسىز ھاۋا !
ئايال !
كۆزۇڭدە بار قىيامەت - توپان .
ئۆزۇڭ يەنە نۇھنىڭ كىمىسى -
تەڭرى بىلەن سۆھبەتتە بۇلغان .
.........
زەيتۇن شىخى چىشلىگەن كەپتەر ،
سايرىيالماي دىمى بوغۇلغان