ئۇيقۇ،ئۆلمەك ئىككىسى بىر گەپ ئىكەن،
بۇنى دانا بوۋىلار خوپ دەپتىكەن.
بىرى چەكلىك، بىرى چەكسىز دەم ئېلىش،
جانغا ساھىبخانلىقى ئەلۋەك ئىكەن.
ئۇخلىماي ھەددىڭ ئەمەس ھالدىن كېتىپ،
ئۇيقۇ گاھى ئېھتىياجدىن نەپ ئىكەن.
تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى بىر كۆرەي،
قايسى«لوقمان» ئابىھايات يەپتىكەن؟
ئۆلمىكىڭمۇ ئېھتىياج ئالەم ئۈچۈن،
كەتمىسە قىش، نەدە كۆكلەم تەپتىكەن؟
باقىيدۇر ھەركىم ئۈچۈن ئۇيقۇ-ئۆلۈم،
پانىي تۆت كۈن بولسىمۇ جەننەت ئىكەن!