ئىزدىدىم كۆپ ياخشىلىق ئىنسانغا مەن،
مەرد ئاتالدىم ئەلدە شۇ جەرياندا مەن.
ئەلگە خىزمەتتۇر ئىبادەت مەندىكى،
ئەگمىدىم باش ۋە لېكىن شەيتانغا مەن.
ئالغىنىم تەۋپقىنى كۈندىن بىگۇمان،
نۇر بىلەن قوشۇم ھۆسىن ئىمانغا مەن.
تۈندە ھۇۋقۇش ھۇۋلىسا دەھشەت بىلەن،
كۈن ۋە تۈن سايرا دېدىم ۋىجدانغا مەن.
پۇلنى كۆپ تاپقانغا بۇ دەۋران گۈزەل،
ھىممىتى ئاندىن گۈزەل جەۋلاندا مەن.