ئۆگەتتىڭ ئۆز بالاڭغا سەن ھەمىشە قوي-ياۋاش بول دەپ،
كېسەلنى ئېرسىيەت ئەيلەپ، زەھەر بەرگەنگە ئاش بول دەپ.
«بازار چاققانغا مەنسۇپ»نى بازاردىن سۆرىدىڭ ئۆيگە،
ئاياش ئورنىدا ئاجىزنى ئۆگەتتىڭ چىڭ ھاپاش بول دەپ.
يۈرەكئالدى توخو توشقان،قومۇش شاۋقۇنىدا قۇربان،
دېمەي سىر بەرمىگىن ياتقا، ئۆگەتتىڭ سۈلھى-پاش بول دەپ.
بوياقنى كۆزىگە بەردىڭ ئۆزۈڭنىڭ ھەم بالاڭنىڭمۇ،
شۇنىڭچۇن رەڭ ئەماسى ئۇ، ئۆگەتمەيسەن قۇياش بول دەپ.
بالاڭ تاپقاندا ئوتتۇز پۇل، يېيەلمەي قىلدى توققۇز پۇل،
چېنىقتۇرماي بالاڭنى سەن قاراپ كەلگەچ ئاياش يول دەپ.
پىداگوك ئارخىپىڭدىن نەق تېپىش مومكىن جىنايەتنى،
ئۆگەتكەچكە بالاڭنى سەن يامان خۇيغا ئاداش بول دەپ.