ئەيىب كىمدە
بالاڭ ئۇلۇغ ئارزۇيۇڭدا تۇغۇلدى،
زۇۋۇلىسى قەۋەت يوغان ئۈزۈلدى.
دوزاق نەپسى يېلىنجىدى پەيدىنپەي،
سۇ سېپىلمەي، مېھرىڭدىن يەل ئۇرۇلدى.
بويى ئۆسسە بېشىمۇ تەڭ يوغىناپ،
قەغىش ئۆيدىن تالاغىمىۇ چۇۋۇلدى.
مۇتىھەملىك قارام قىلدى پەيلىنى،
ھاي! دېسە كىم، قاپاقلىرىڭ تۈرۈلدى.
لۇغىتىڭدە «بەر» بولمىغاچ، ئۆگەتمەي
«ئېلىپ» دىلغا نەقىش قىلىپ ئويۇلدى.
كۆچەت قىلىپ تاپشۇرساڭمۇ باغۋەنگە،
لېكىن ھارام شېخى تىنماي سوزۇلدى.
ئاۋۋال چېكىش،ئاندىن ئېشىپ ئىچىشى،
پەخىرلىك ئىش،ئىزىڭ بېسىش تۇيۇلدى.
«ئويناپ» ئوغرى بولدى،چېكىپ قەلەندەر،
قەرز تۈگۈل،لەنەتكىمۇ بوغۇلدى.
ئەر يەتمەستىن ئالدى لەنەت ئاتاقنى،
ئەركە مەيلى تۈپەيلىدىن بۇزۇلدى.
بۇزۇلۇشتىن چۆچۈگەندە كېچىكتىڭ،
ئەيىب كىمدە؟ ئۇ غۇبارسىز ئوغۇلدى!