سانسىز
قاچان ئاچساق تېلېۋېزورنى كاناللاردا ئېلان سانسىز،
ئۇچۇر كۆپ،قايسى «نان» بەرگەي بىلەلمەيمىز نىشان سانسىز.
تۈمەن تۈرلۈك كېسەللەرگە شىپاھ دەپ ماختىغان دورا
خۇسۇسىدا خالايىقنىڭ دىلىدا شەك گۇمان سانسىز.
بولۇپ جەم بىرگە بىر ئۆيلۈك كۆرەلمەيمىز «جاھاننامە»،
ئارادا پەردىشەپ يىتتى، قېلىن بولدۇق يامان سانسىز.
سالار چۇقان قۇلاقنى پاڭ قىلىپ «ئەرلىك...» دېگەن ئېلان
پەدەرلەرگە ئۆلۈم بولدى، سەبىلەرگە زىيان سانسىز.
چېچەكلەپ جان، كۆڭۈل كۈلگەي تېلېۋېزور «تەل ھوزۇر» بولسا،
كى شەيتان ئەينىكى بولسا، چوقۇنغۇچى نادان سانسىز.
ئۇچۇر بايلىق، ئۇچۇر پۇرسەت، ئۇچۇر زەر تەڭگىدىن قىممەت،
لېكىن ئېلان خامانىنىڭ دېنى بەك ئاز، سامان سانسىز.
تۈگەپ كەتسۇن تېتىقسىزلىق ئېلان مەزمۇنىدا دەيمىز،
بۇ گەپنى دەيدىغانلار ئەل ئاراسىدا ھامان سانسىز!