ئىسىت ياشلىغىم !!! (پىنھانى)
--------------------------
ئاپتۇرى:ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
--------------------------
بىلمەپتىمەن ياشلىق قەدرىنى ،
بوراندەكلا كىتىپتۇ ئۇچۇپ .
ئويلاپ باقسام ئىزىم قالماپتۇ ،
ئەمدى قالدىم راستىلا چۇچۇپ .
مەندىمۇ بار ئارزۇ - ئارمانلار ،
ئىدى شۇنداق غايەممۇ يۈكسەك.
تىرىشماپتىمەن ھايات يولۇمدا ،
نە بولدى ئەمدى بۇ ئارزۇ-ئىستەك؟.
زالالەتتىن تارتماي ئۆزەمنى ،
مەئىشەتكە بىرىلىپتىمەن .
قېرىمايدىغان، ئۆلمەيدىغاندەك ،
ياشلىق شۇ دەپ كىرىلىپتىمەن .
ئەمدى قېرىپ ماغدۇر كەتكەندە ،
ياشلىقىمغا سالسام بىر نەزەر .
پۇشايماندا ئىزىلدى يۈرەك ،
دەپ قالدىم شۇ، ياش بولسام ئەگەر.....
نىمە تاپتىم ياشاپ دۇنيادا ،
ئىزىم بولمىسا ھاياتلىغىمدىن .
قورقۇپ كەتتىم تەڭرى قېشىغا ،
بېرىشىمدىن ، ماماتلىغىمدىن .
ئىسىت ياشلىغىم ئىزىلدى يۈرەك!،
بىكار ئۆتكەن ياشلىق ئىزىمغا .
ئاتا بىزگە نىمە بار دىسە ؟.
نىمە دەرمەن ئوغۇل-قىزىمغا؟