ئەقىدەڭ راسىت بولسا،بەخىت ئامەت يار بولغاي.
ئەجەلىڭنى كۈتكەنگەقەسىت يۇلى تار بولغاي.
ئالدىمىساڭ ئۆزگىنى تىلەكىڭ چىچەك ئاچقاي،
ھاياتىڭ تېپىپ مەنە شۆھرىتىڭ بار بولغاي.
ئنسان ئۆزى سەۋەپچى خۇشال-قايغۇ قىسمەتكە،
ئويغانمىغان غەپلەتتىن شايتانغا چاكار بولغاي.
ماھارەت،پاراسەتتە يىتىلگىن مەزمۇت قابىل،
ۋەسلىڭ ھەممىگە شىپا پۇراقلىق ئىپار بولغاي.
بولمىساڭ يامان بىلەن ئۈلپەتداش،سىرداش،يولداش،
كۆڭلۈڭ دائىم خاتىرجەم،كۈنۈڭ بەختىيار بولغاي.
سۆز-ھەركىتىڭ مۇلايىم،ئىستىلىڭ دۇرۇس بولسا،
ھەسەتخورنىڭ پىتنىسى،قىلتىقى بىكار بولغاي.
ۋاپا،ۋىجدان،دىيانەت بولسا دائىم مىزانىڭ،
تەشنا بۇلۇپ يۈرەكلەر دىدارىڭغا زار بولغاي.